باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزى كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى،گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېزا ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ئۇنىۋېرسال يولغا قويۇش لايىھەسىنى تارقاتتى

2015.11.03 16:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى : يېقىندا ج ك پ مەركىزى كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «يېزا ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ئۇنىۋېرسال يولغا قويۇش لايىھەسى» تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ جايلار، تارماقلاردىن ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ئىجرا قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

  «يېزا ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ئۇنىۋېرسال يولغا قويۇش لايىھەسى»نىڭ ئاساسىي مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:

  يېزا ئىسلاھاتى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. پارتىيە مەركىزى كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، يېزا ئىشلىرىغا ئالاقىدار تۈرلۈك ئىسلاھاتلار پۇختا قانات يايدۇرۇلۇۋاتىدۇ، بەزى مۇھىم ئىسلاھاتلارنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتىدۇ. نۆۋەتتە دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات يېڭى نورمال ھالەتكە كىردى، يېڭىچە سانائەتلىشىش، ئۇچۇرلاشتۇرۇش، شەھەر- بازارلىشىش، يېزا ئىگلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش سىجىل ئىلگىرى سۈرۈلدى، يېزا ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولدى، يېزا ئىسلاھاتىغا چېتىلىدىغان مەنپەئەت مۇناسىۋىتى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتى، نىشان تېخىمۇ كۆپ مەنبەلەشتى، تەسىر ئامىلى كۆپ خىللىشىشقا يۈزلەندى، ۋەزىپە تېخىمۇ مۈشكۈل بولدى. يېزا ئىسلاھاتىنىڭ ئۇنىۋېرساللىقى كۈچلۈك، ئۆز ئالدىغا شىددەت بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش قىيىن، سىستېمىلاشقان تەپەككۈرنى تۇرغۇزۇپ، ئومۇميۈزلۈك پىلانلاش ۋە يۇقىرى قاتلام لايىھەسىنى ياخشى ئىشلەپ، تارتىپ قويسىلا تولۇق تەسىر كۆرسىتىدىغان نۇختا ۋە ئاساسلىق زىددىيەتنى تېپىپ چىقىپ، يېزا ئىسلاھاتىنىڭ تەدبىرىنىڭ ئىلمىيلىقىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش كېرەك. يېزا ئىسلاھاتىنى يۆنىلىشىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىگىلەپ، يېزا ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئومۇمىي نىشانى، چوڭ پىرىنسىپ، تۈپ ۋەزىپە، مۇھىم يولنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئومۇمىيلىق جەھەتتە يېزا ئىشلىرىغا ئالاقىدار تۈرلۈك ئىسلاھاتلارغا ئومۇمىيلىق جەھەتتە يېتەكچىلىك قىلىپ ۋە ماسلاشتۇرۇپ، تۈرلۈك ئىسلاھاتلارنى جىپسىلاشتۇرۇپ يۈرۈشلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئىسلاھاتنىڭ ئونىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئەڭ يۇقىرى چەكتە كۆرسىتىش كېرەك. مەركىزى كومىتېتنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، يېزا ئىسلاھاتىنىڭ سىستېمىلىقى، ئومۇمىيلىقى، ماسلىشىشچانلىقىنى مەۋقە قىلىپ، يېزا ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ئۇنىۋېرسال يولغا قويۇش لايىھەسى ئالاھىدە تۈزۈپ چىقىلدى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە : خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر