باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يېشىل تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، زور كۈچ بىلەن ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشىلايلى

___ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ھەل قىلغۇچ باسقۇچىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش توغرىسىدا (4)

2015.11.03 16:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى : ھاللىق جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك بولغان-بولمىغانلىقىدا ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مۇھىم ھالقا. ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 5-يىغىنى «يېشىل تەرەققىيات»نى بەش چوڭ تەرەققىيات ئىدىيەسىنىڭ بىرى قىلىپ، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق ئۆتۈش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ئېتىبار بەردى. «13-بەش يىل» مەزگىلىدە بىز چوقۇم بايلىق تېجەش ۋە مۇھىت ئاسراشتەك ئاساسىي دۆلەت سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىشنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، تۇرمۇشنى باياشات قىلىش، ئېكولوگىيەنى ياخشىلاشتەك مەدەنىي تەرەققىي قىلىش يولىدا مېڭىپ، خەلقنى بېيىتىش، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، جۇڭگونى گۈزەللەشتۈرۈشنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق تەرەققىي قىلىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشىمىز كېرەك.

  ياخشى بولغان ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئەڭ ئادىل جامائەت مەھسۇلاتى، خەلق تۇرمۇشىنى ئەڭ ئومۇميۈزلۈك ياخشىلىغانلىق. ھازىر، ئېلىمىزدە بايلىق كەمچىل، مۇھىت بۇلغىنىشى ئېغىر، ئېكولوگىيە سىستېمىسى چېكىنىشتەك مەسىلىلەر ئىنتايىن ئېغىر بولۇپ، خەلقنىڭ ساپ ھاۋا، پاكىز ئىچىملىك سۇ، بىخەتەر يېمەكلىك، گۈزەل مۇھىتقا بولغان تەلىپى بارغانسېرى كۈچەيمەكتە، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ ناچارلىشىشى ۋە ئۇنىڭ ئادەم بەدىنىنىڭ ساغلاملىقىغا بولغان تەسىرى بىزنى ئەندىشىگە سالدى، خەلق تۇرمۇشىدىكى گەۋدىلىك مەسىلىگە ئايلاندى. مۇھىتنىڭ ناچارلىشىشىنى تۈزەپ، مۇھىت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا، تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە چېتىشلىق كېچىكتۈرۈشكە بولمايدىغان مۇھىم خىزمەت.يېشىل تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇشتا چوقۇم دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، خەلققە مەنپەئەت يەتكۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، يېشىل تەرەققىيات ئۇسۇلى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلى شەكىللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقنى تېخىمۇ ئەلا ئېكولوگىيەلىك مەھسۇلاتلار بىلەن تەمىنلەش كېرەك. ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 5-يىغىنىدا ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق ئورتاق ياشىشىغا تۈرتكە بولۇش، ئاساسىي ئىقتىدارلىق رايون قۇرۇشنى تېزلەشتۈرۈش، تۆۋەن كاربونلۇق ئايلانما تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، بايلىقنى ئومۇميۈزلۈك تېجەش ۋە يۇقىرى ئۈنۈمدە پايدىلىنىش، مۇھىتنى تۈزەش سالمىقىنى زورايتىش، ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسىقىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت ئالتە جەھەتتىن بىر قاتار ئورۇنلاشتۇرمىلارنى قىلىپ، يېشىل تەرەققىياتنىڭ تىرىشىش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى. ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 5-يىغىنىدا سىزىلغان خەرىتىنى يېتەكچى قىلىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىنىڭ ئىدىيەسى، پىرىنسىپى، نىشانىنى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىگە ھەقىقىي سىڭدۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك پىلان ۋە خىزمەتلەردە ئىزچىللاشتۇرغاندىلا يېشىل تەرەققىياتنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچالايمىز.

  يېشىل تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلىگەندىلا ئۈنۈمىنى كۆرگىلى بولىدۇ. يېشىل كۆرسەتكۈچنىڭ «13-بەش يىل» پىلانىدىكى بارلىق كۆرسەتكۈچلەر ئىچىدىكى ئورنىنى ئۆستۈرۈپ، خەلقنىڭ ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە مۇھىت سۈپىتىنى ياخشىلاشنى چەكلىمىلىك قاتتىق كۆرسەتكۈچ قىلىش، يېشىل تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ سىياسەت-تۈزۈم كاپالىتى. مەيلى ئەڭ قاتتىق مۇھىت ئاسراش تۈزۈمى ۋە سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى، ئۆلكە دەرىجىلىكتىن تۆۋەن مۇھىت ئاسراش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئۆلچەپ تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش قىلىش، قانۇن ئىجرا قىلىشىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش ۋە ياكى تاغ، سۇ، ئورمان، ئېتىز، كۆلنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە تۈزەش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش بولسۇن ھەممىسى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ ناچارلىشىشىنى ئىمكانقەدەر تېزدىن توسۇپ، يېشىل تەرەققىياتنىڭ ئاخىرقى چېكىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈندۇر. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى) مەنبە : خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر