باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي كومىتېت پارتىيە سىرتىدىكى ئەربابلار سۆھبەت يىغىنى ئاچتى

2015.11.02 08:22         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى 21-ئاۋغۇست جۇڭنەنخەيدە پارتىيە سىرتىدىكى ئەربابلار سۆھبەت يىغىنىنى ئېچىپ، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ 13-بەش يىللىق پىلانىنى تۈزۈش ھەققىدىكى تەكلىپى توغرىسىدا ھەر قايسى دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەھبەرلىرى ھەم پارتىيە-گۇرۇھسىز ئەربابلارنىڭ پىكىر-تەكلىپلىرىنى ئاڭلىدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭ سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن لى كېچياڭ، يۈ جېڭشېڭ، جاڭ گاۋلى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

  سۆھبەت يىغىنىدا، ھەر قايسى دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەھبەرلىرى ھەم پارتىيە-گۇرۇھسىز ئەربابلار ئىلگىرى-كېيىن سۆز قىلدى. ئۇلار جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ 13-بەش يىللىق پىلانىنى تۈزۈش تەكلىپى ھەققىدىكى ئويلىرىنى قۇۋۋەتلىدى ھەم ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى يېڭى تۇراقلىق ھالەتكە يېتەكلەش، تەرەققىيات نىشانىنى مۇۋاپىق بېكىتىش، ئاشۇرۇش كۆزلىمىسىنى مۇقىملاشتۇرۇش، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى گەۋدىلەندۈرۈش، ئاساسىي گەۋدە ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلار، دېھقانلار خىزمىتى ۋە نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، ئاشلىق بىخەتەرلىك تاكتىكىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئوتتۇرا، غەربىي رايونلارنى ئېچىۋېتىشنى تېخىمۇ كېڭەيتىش، يېڭىچە شەھەر-بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش، ھۆكۈمەتنى ئىدارە قىلىش ئىسلاھاتىغا تۈرتكە بولۇش، مائارىپ ھەر تەرەپلىمە ئىسلاھاتىنى كۈچەيتىش، مەخسۇسلاشقان ئىختىساسلىقلارنى تېخىمۇ كۈچەپ تەربىيەلەش، نوپۇسنىڭ قېرىلىشىش مەسىلىسىگە ئەھمىيەت بېرىش، ساغلام جۇڭگو قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش، ئېكولوگىيە ساھەسىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنى كۈچەيتىش، يېشىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىن پىكىر-تەكلىپ بەردى.

  شى جىنپىڭ كۆپچىلىكنىڭ سۆزلىرىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: كۆپچىلىك نۇرغۇن ياخشى پىكىر-تەكلىپلەرنى بەردى، بۇلارنىڭ ھۆججەتنى ياخشى تۈزۈشكە زور ياردىمى بار، بىز ئەستايىدىل مۇھاكىمە قىلىمىز ۋە قوبۇل قىلىمىز. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: 13-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە، ئېلىمىزنىڭ تەرەققىياتى نۇرغۇن يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەرگە يولۇقىدۇ، بۇنىڭدىكى ئەڭ ئاساسلىق مەسىلە-ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى تۇراقلىق ھالەتكە كىرىشى. يېڭى تۇراقلىق ھالەتتە، ئېلىمىزنىڭ تەرەققىيات مۇھىتى، شارائىتى، ۋەزىپىسى، تەلىپى قاتارلىقلاردا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ. يېڭى تۇراقلىق ھالەتكە ئۇيغۇنلىشىپ، يېڭى تۇراقلىق ھالەتنى ئىگىلەپ، يېڭى تۇراقلىق ھالەتكە يېتەكلەپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنى داۋاملىق سىجىل، ساغلام تەرەققىي قىلدۇرۇشتا، چوقۇم توغرا تەرەققىيات قارىشىدا چىڭ تۇرۇش زۆرۈر. تەكلىپ لايىھەسىدە، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ بولۇشنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچىدىكى ۋەزىيەت ھەم ۋەزىپىلەر تەھلىل قىلىندى، يېڭىلىق يارىتىش، سىجىللىق، يېشىل، ئېچىۋېتىش، ئورتاق بەھرىمەن بولۇشتىن ئىبارەت تەرەققىيات قارىشى ئوتتۇرىغا قويۇلدى ھەم شەرھلەندى، بۇ تەرەققىيات قاراشلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەكىتلەش-ئېلىمىزنىڭ تەرەققىيات ئومۇملۇقىغا مۇناسىۋەتلىك بىر مەيدان چوڭقۇر ئىسلاھات. تەرەققىيات قارىشى-تەرەققىيات ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىسى، تەرەققىيات تەپەككۇرى، تەرەققىيات يۆنىلىشى، تەرەققىياتنىڭ كۈچەش نۇقتىسىنىڭ مەركەزلىك گەۋدىلىنىشى. نۆۋەتتىكى مەسىلىلەرگە بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، روشەن مەسىلە يېتەكلەشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، تەرەققىيات قارىشىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق، تەرەققىيات ئۇسۇلىنى يېتەكلەشكە بۇرۇلۇش ياساپ، تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق، تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، 13-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدىكى ئېلىمىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ياخشى يول ھازىرلاپ، ياخشى يېتەكلەش كېرەك.

  شى جىنپىڭ ھەر قايسى دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار، مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى، پارتىيە-گۇرۇھسىز ئەربابلاردىن ئۆزلىرىنىڭ ئەزالىرى ھەم ئالاقە باغلىغان ئاممىنى ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 13-بەش يىللىق پىلان ھەققىدىكى ۋەزىيەت ھۆكۈمى ۋە ھەل قىلغۇچ ئورۇنلاشتۇرۇشلىرى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈشكە پائال يېتەكلەپ، بىر نىيەتتە، بىر مەقسەتتە بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئەزالىرى ھەم ئالاقە باغلىغان ئاممىنىڭ پىكىرلىرىنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ، جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى ئالاقىدار تەرەپلىرىنىڭ تەلەپلىرىنى ئىنكاس قىلىشقا كۆڭۈل بۆلۈپ، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ جەمئىيەتنىڭ ھەر ساھەسىنىڭ پىكىر تەكلىپلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلىشىگە ياردەم بېرىشىنى ئۈمىد قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر