باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خەلق گېزىتى «ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇشنىڭ ھەل قىلغۇچ پىروگراممىسى» دېگەن ماقالىنى ئېلان قىلدى

2015.11.02 08:22         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق گېزىتىنىڭ 30-ئۆكتەبىر نەشىردىن چىققان سانىدا، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ بولۇشنىڭ ھالقىلىق باسقۇچىدىكى ئۇلۇغ غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش ھەققىدىكى «ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ بولۇشنىڭ ھەل قىلغۇچ پىروگراممىسى» دېگەن باش ماقالە ئېلان قىلىندى.

  باش ماقالىدا مۇنداق دېيىلىدۇ: ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ بولۇش ھەل قىلغۇچ باسقۇچقا كىرگەن پەيتتە، پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 5-ئومۇمىي يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى، ئومۇمىي يىغىندا «جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ 13-بەش يىللىق پىلانىنى تۈزۈش ھەققىدىكى تەكلىپى» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى، بۇ-بۇندىن كېيىنكى بەش يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ھەرىكەت قىبلىنامىسى، بىزنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ بولۇشىمىزدىكى ھەل قىلغۇچ پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججىتىمىز. نۆۋەتتە ۋە بۇندىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ بىر مۇھىم ۋەزىپىسى-ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەكلىپتە بېكىتىلگەن تۈرلۈك ھەل قىلغۇچ ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە خىزمەت تەلەپلىرىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت.

  باش ماقالىدا مۇنداق دەپ ھېسابلاندى: ئومۇمىي يىغىندا ماقۇللانغان تەكلىپ-ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ بولۇشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى بەلگىلەپ بەردى؛ يېڭى قاراش بىلەن يېڭى تەرەققىياتقا يېتەكلەشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇرىنى كۆرسىتىپ بەردى؛ پارتىيەمىزنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ، دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشىنىڭ 1-ۋەزىپىسىنى گەۋدىلەندۈردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر