باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئەسكەرلەرگە نەپ يەتكۈزۈش تەدبىرلىرى ئېلان قىلىندى

2015.10.26 15:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (ئالىم راخمان تەرجىمىسى) قىسىمدىن چېكىنگەن ئەسكەرلەرنىڭ ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەش مەزگىلىدىكى ئىپادىسىنى مىقتارلاشتۇرۇپ نومۇر قويۇپ باھالاش __ قىسىمدىن چېكىنگەن ئەسكەرلەرنىڭ ئارخىپى ۋە ئۆزى تەمىنلىگەن مۇناسىۋەتلىك ئىسپاتلارنى ئاساس قىلىپ، قىسىمدىن چېكىنگەن ئەسكەرلەرنىڭ ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەش يىل چېكى، ھەربىي مەجبۇرىيەت ئىپادىسى ۋە مۇناسىۋەتلىك سالاھىيىتى قاتارلىق ئەھۋاللارغا قارىتا بېكىتىپ، بىر تۇتاش ئۆلچەم بويىچە نومۇر قويۇشنى كۆرسىتىدۇ. قىسىمدىن چېكىنگەن ئەسكەرلەرنىڭ ئېرىشكەن ئومۇمىي نومۇرى ھۆكۈمەت ئورۇنلاشتۇرغان خىزمەتتە ئورۇن تاللاشنىڭ مۇھىم ئاساسى بولىدۇ. بۇ يېڭى سىياسەت ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەش ۋاقتى ئۇزۇن، تۆھپىسى زور بولغان قىسىمدىن چېكىنگەن ئەسكەرلەرنى ئالدى بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، بۇ خەلق ئىشلار مىنىستىرلىكى، ئازادلىق ئارمىيە باش شىتابى بىرلىكتە چىقارغان يەنە بىر تۈرلۈك ئەسكەرلەرگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىدۇر.

  خەلق ئىشلار مىنىستىرلىكى غەمخورلۇق-نەپىقە ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش ئىدارىسى ۋە ئازادلىق ئارمىيە باش شىتاب ھەربىي ئىشلار بۆلۈمىدىكى مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەرنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، «چارە»دە كۆرسىتىلگەن قىسىمدىن چېكىنگەن ئەسكەرلەر «قىسىمدىن چېكىنگەن ئەسكەرلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇش نىزامى»دىكى بەلگىلىمىلەرگە ماس كېلىدىغان ھەمدە مۇستەقىل ئىشقا ئورۇنلىشىشنى تاللىمىغان، ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتىگەن ۋاقتى 12يىلغا توشقان كوماندىر-ئەسكەرلەر، ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتىگەن مەزگىلدە ئادەتتە ئىككىنچى دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خىزمەت كۆرسىتىپ مۇكاپاتلانغان ياكى ئۇرۇش مەزگىلىدە ئۈچۈنچى دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خىزمەت كۆرسىتىپ مۇكاپاتلانغان ئەسكەرلەر، ئۇرۇشتا مېيىپ بولۇپ، 5-دەرىجىلىكتىن 8-دەرىجىلىككىچە مېيىپ بولغان ئەسكەرلەر، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ پەرزەنتى بولغان ئەسكەرلەرنى كۆرسىتىدۇ. ئەسكەرلەرنىڭ ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەش ئەھۋالىنى ئوبيېكتىپ توغرا ئەكىس ئەتتۈرۈش ئۈچۈن، «چارە» مىقتارلاشتۇرۇپ نومۇر قويۇپ باھالاشنىڭ ئۆلچىمىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئەسكەرلەرنىڭ ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەش يىل چېكى، خىزمەت كۆرسىتىپ مۇكاپاتلىنىش ئەھۋالى، كەسپىي ئىقتىدارى دەرىجىسى، مېيىپلىق ئەھۋالى، ھەمدە ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ پەرزەنتى بولغان ئەسكەرلەر، جاپالىق يىراق رايونلاردىكىلەر، يادروغا چېتىشلىق ئورۇنلاردىكى ۋە ئۇرۇشقا قاتنىشىش قاتارلىق 8تەرەپ نومۇر ھېسابلاش تۈرى قىلىپ بەلگىلەندى. «چارە»دە يەنە قىسىمدىن چېكىنگەن ئەسكەرلەرنىڭ ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەش مەزگىلىدە جازالانغان ۋە ئارخىپتا يالغانچىلىق قىلغانلاردىن نومۇر تارتىپ بىر تەرەپ قىلىش بەلگىلەندى.

  «چارە» ئارمىيە-يەرلىكتىكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇردى. ئەسكەرلەر تۇرۇشلۇق قىسىم ئاساسلىقى قىسىمدىن چېكىنگەن ئەسكەرلەرنىڭ ئارخىپىنى بەلگىلىمە بويىچە ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمېتىنىڭ قىسىمدىن چېكىنگەن ئەسكەرلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى باشقۇرىدىغان تارماقلار ئارخىپ قاتارلىق ماتېرىياللارغا ئاساسەن، قىسىمدىن چېكىنگەن ئەسكەرلەرنىڭ ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەش ئەھۋالىغا قارىتا ئۇنىۋېرسال نومۇر قويۇپ باھالايدۇ. نومۇر قويۇپ باھالاش نەتىجىسى مۇۋاپىق شەكىلدە قىسىمدىن چېكىنگەن ئەسكەرلەرگە ئېلان قىلىنىدۇ.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر