باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىزنىڭ پولات-تۆمۈر كەسپى كاسات مەزگىلگە كىردى، «ئالاقە تورى قوشۇلغان» يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلانماقتا

2015.10.26 09:21         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو پولات-تۆمۈر سانائىتى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، باۋشەن پولات-تۆمۈر گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى شۈ لېجياڭ يېقىندا مۇنداق دېدى: ئېلىمىزنىڭ پولات-تۆمۈر كەسپى ھەقىقەتەن كاسات مەزگىلگە كىردى: ئېھتىياج ئازىيىپ كەتتى، پۈتۈن كەسىپتىكىلەر زىيان تارتتى. ئەمما «ئالاقە تورى قوشۇلغان» پولات تۆمۈر كەسپىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتىكى بىر يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلانماقتا.

  مۇتەخەسسىسلەر تەھلىل قىلىپ مۇنداق دەپ قارىدى: پولات-تۆمۈر كەسپى «ئالاقە تورى قوشۇلغان» ئەندىزىسىدىكى تىپىنى ئۆزگەرتىش يولىغا ماڭدى، بۇنىڭدا بىر گەۋدە ئىككى قانات بولۇشى كېرەك، بۇنىڭ بىر قانىتى ياسىمىچىلىقتا يېڭىلىق يارىتىش، «ئالاقە تورى قوشۇلغان ھەمكارلىشىپ ياساش» كەسپ يېڭى ھالىتىنى شەكىللەندۈرۈپ، چوڭ كۆلەملىك خاسلاشقان زاكاز قىلىپ ياساشنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، ئەۋرىشىم ياسىمىچىلىقنى يولغا قويۇپ، تورلاشتۇرۇپ ھەمكارلىشىپ ياساش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، تورلاشقان ياسىمىچىلىق سۇپىسى بەرپا قىلىش. يەنە بىر قانات، مۇلازىمەتتە يېڭىلىق يارىتىش، سىفىرلاشقان مۇلازىمەت ئەندىزىسى بەرپا قىلىش.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر