باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

12-بەش يىللىق پىلاندىن بۇيان ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلمىدا تىپنى ئۆزگەرتىش تېزلىدى

2015.10.26 09:20         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  12-بەش يىللىق پىلاندىن بۇيان، ئېلىمىز ئىقتىسادىي قۇرۇلمىدا تىپىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، يېشىل تۆۋەن كاربونلۇق كەسىپلەرنى پائال راۋاجلاندۇرۇپ، سەرپىيات سەۋىيەسى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىدى.

  جۇڭگونىڭ ئېنېرگىيە ئىستېمالىنى يەتتە دانە چىراغ بىلەن ئىپادىلىسەك، ئۇنداقتا ھازىر ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىر چىراغنى پاكىز ئېنېرگىيە يورۇتىدۇ.

  2014-يىلى سۇ ئېلېكتىرى، شامال ئېلېكتىرى، تەبىئىي گاز قاتارلىق پاكىز ئېنېرگىيەلەرنىڭ ئىستېمال ئومۇمىي مىقدارىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى 2010-يىلىدىكىدىن 3.5 پوئېنت ئۆستى، ئىگىلىگەن نىسبىتى %16.9 كە يەتتى.

  2011-يىلىدىن 2014-يىلغىچە بىرلىك ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېنېرگىيە سەرپىياتى %13.4 تۆۋەنلىدى، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن يەنە %5.9 تۆۋەنلىدى، ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، 12-بەش يىللىق پىلاندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بىرلىك ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى %16 تۆۋەنلىتىشتىن ئىبارەت بۇلغىما چىقىرىشنى ئازايتىش نىشانى ئۆز مۇددىتىدە تاماملىنىدىكەن.

  2014-يىلى ئېغىر خىمىيەۋى سانائەتنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ ئاستىلىشىغا ئەگىشىپ، ئوتتۇرا يۇقىرى سۈپەتلىك ياسىمىچىلىق ۋە مۇلازىمەتچىلىك قاتارلىق يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەر جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى، مەملىكەت بويىچە كۆمۈر ئىستېمال ھەققىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى

  2003-يىلىدىكىدىن %2.9 تۆۋەنلىدى. بۇ جۇڭگونىڭ مۇشۇ ئەسىردىن بۇيان كۆمۈر سەرپىياتىنىڭ تۇنجى قېتىم ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن تۆۋەنلىشى.

  ئىس تۈتەك ئازايدى، يوللاردا ئېلېكتىرلىك ئاپتوموبىللار كۆپەيدى، ئاتموسفېرانىڭ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىر يۈرۈش ھەرىكەت پىلانىمۇ يولغا قويۇلدى. مەملىكەت بويىچە بۇلغىما چىقىرىشنى قويۇپ بېرىش مىقدارى تەدرىجىي كونترول قىلىنماقتا.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر