باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

15 تارماق خەتەرلىك، پارتلايدىغان بويۇملارنى ئەۋەتىش-يەتكۈزۈش ئەشيا ئوبوروتى قاتارلىق يوشۇرۇن خەۋپنى مەركەزلىك ئېنىقلاپ رەتكە سالدى

2015.10.23 17:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 22-ئۆكتەبىر مەركەز جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش كومىتېتىدىن ئۇقۇشىچە، بۈگۈندىن باشلاپ 2016-يىلى 3-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، مەركەز جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش ئىشخانىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى، دۆلەت سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى، دۆلەت زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقى، قاتناش تىرانسپورت مىنىستىرلىقى، دۆلەت بىخەتەرلىك باشقۇرۇش، نازارەت قىلىش باش ئىدارىسى قاتارلىق 15 تارماق مەملىكەت بويىچە خەتەرلىك، پارتلايدىغان بويۇملارنى ئەۋەتىش-يەتكۈزۈش ئەشيا ئوبوروتىنى ئېنىقلاپ، رەتكە سېلىش ۋە زىددىيەت، ماجىرالارنى پەسەيتىش مەخسۇس ھەرىكىتى قانات يايدۇرۇپ، جامائەت بىخەتەرلىكى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىققا تەسىر يەتكۈزىدىغان تۈرلۈك خەۋپ خەتەر يوشۇرۇن ئامىللىرىنى رەتكە سېلىپ، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ سىجىل، مۇقىملىقىغا ۋە خەلقنىڭ ھاياتى، مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدىكەن.

  ئىگىلىنىشچە، بۇ قېتىملىق مەخسۇس ھەرىكەت بىخەتەرلىكنى ھەرىكەتچان نازارەت قىلىش مېخانىزمى، يوشۇرۇن خەۋپنى دائىملىق تەكشۈرۈش مېخانىزمى، تولۇق قاپلىغان بىخەتەرلىك مەسئۇلىيەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، تۈرلۈك بىخەتەرلىكنى باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىدىكەن، خەتەرلىك، پارتلايدىغان بويۇملار جەھەتتە، ئېنىقلاپ، رەتكە سېلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ سۇبيېكتىپ مەسئۇلىيىتى ۋە تارماقلارنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ، ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش، تىرانسپورت، ساقلاش، ئىشلىتىش قاتارلىق ھەر قايسى ھالقىلارنىڭ بىخەتەرلىك باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قانۇن، بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلىپ، پارتلايدىغان، خەتەرلىك بويۇملارغا چېتىلىدىغان جىنايەتلەرگە قاتتىق زەربە بېرىدىكەن؛ ئەۋەتىش-يەتكۈزۈش ئەشيا ئوبوروتى جەھەتتە، يەتكۈزۈلىدىغان بويۇمنى ئاۋۋال تەكشۈرۈپ ئاندىن سېلىش، يەتكۈزۈپ سېلىش پائالىيىتىدە ھەقىقىي ئىسمى بىلەن تىزىملاش، پوچتا، تېز يوللانمىلارنى X نۇرى بىلەن بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ قېلىپلاشقان باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە زور دەرىجىدە كۈچ چىقىرىدىكەن .(شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر