باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەت بويىچە ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى تۈزۈمى ئورنىتىلىپ، جەملىمە نومۇر بويىچە نوپۇسقا ئالدۇرۇش مۇقىملاشتۇرۇلدى

2015.10.23 17:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە تۈنۈگۈن گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلىپ، «ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى ۋاقىتلىق نىزامى (دەسلەپكى لايىھەسى)» ماقۇللاندى، دەسلەپكى لايىھەدە مەملىكەت بويىچە ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى تۈزۈمى ئورنىتىپ، ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى ئىگىسىنىڭ جەملىمە نومۇر قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق نوپۇسقا ئالدۇرۇش يولى مۇقىملاشتۇرۇش بەلگىلەندى.

  جەملىمە نومۇر قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق نوپۇسقا ئالدۇرۇش مۇقىملاشتۇرۇلدى

  يىغىندا مۇنداق دېيىلدى: نوپۇس تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسىنى باشقۇرۇشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، كىنىشكا ئىگىسىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىش، ئادەمنى يادرو قىلغان يېڭىچە شەھەر-بازارلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش، ئىجتىمائىي ئادىللىق، ھەققانىيلىققا تۈرتكە بولۇشنىڭ مۇھىم تەدبىرى بولۇپ، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىشكىمۇ پايدىلىق. يىغىندا «ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى ۋاقىتلىق نىزامى (دەسلەپكى لايىھەسى)» ماقۇللاندى. دەسلەپكى لايىھەدە مەملىكەت بويىچە ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى تۈزۈمى ئورنىتىپ، شەھەر، بازارلارنىڭ ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە دائىملىق نوپۇسلارنى قاپلىشىغا قولايلىق يارىتىىش بەلگىلەندى، جايلاردىن پائال شارائىت يارىتىپ، ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى ئىگىلىرى بەھرىلىنىدىغان جامائەت مۇلازىمىتى سەۋىيەسىنى تەدرىجىي ئۆستۈرۈشنى تەلەپ قىلىندى. دەسلەپكى لايىھەدە يەنە ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى ئىگىلىرىنىڭ جەملىمە نومۇر ئۇسۇلى ئارقىلىق نوپۇسقا ئالدۇرۇش مۇقىملاشتۇرۇلدى .(شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر