باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ سابىق باشلىقى سەي روڭشېڭنىڭ پارا ئېلىش دېلوسىغا نەنجىڭدا سوت ئېچىلىدۇ

2015.10.23 15:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:21-ئۆكتەبىر، نەنجىڭ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ سابىق باشلىقى سەي روڭشېڭنىڭ پارا ئېلىش دېلوسىنى رەسمىي قوبۇل قىلدى.

  نەنجىڭ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبلىشىچە، 2005-يىلىدىن 2013-يىلىغىچە، جاۋابكار سەي روڭشېڭ ئۆزىنىڭ جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ باشلىقلىق خىزمەت ۋەزىپىسى جەھەتتىكى قۇلايلىقىدىن ۋە ئۆزىنىڭ خىزمەت ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ، يوڭخۇا شياڭگاڭ گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى ۋاڭ xx قاتارلىقلارنىڭ ھاۋالە قىلىشىنى قوبۇل قىلىپ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش، كەسىپلەرنى تەڭشەش قاتارلىق ئىشلاردا ۋاڭ xxنىڭ قىزى قاتارلىق 44نەپەر ئوقۇغۇچىغا ياردەم قىلىپ، ۋاڭ xx قاتارلىق 30 كىشى بەرگەن جەمئىي23مىليون 308مىڭ 740 ي يۈەننى قانۇنسىز قوبۇل قىغان.

  ئەيىبلىگۈچى ئورگان مۇنداق دەپ قارىدى: جاۋابكار سەي روڭشېڭ دۆلەت خىزمەتچىسى تۇرۇپ، خىزمىتىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، باشقىلارنىڭ مال-مۈلۈكىنى قانۇنسىز ئېلىپ، باشقىلارغا مەنپەئەت يەتكۈزگەن ۋە ئۆزىنىڭ خىزمەت ھوقۇقىدىكى ياكى مەرتىۋىسىدىكى قۇلايلىقتىن پايدىلىنىپ، باشقا دۆلەتتىكى خىزمەتچى خادىملار ئارقىلىق ھاۋالە قىلغۇچىغا نامۇۋاپپىق مەنپەئەت يەتكۈزگەن. بۇ قىلمىشى خىيانەتچىلىك جىنايىتى شەكىللەندۈرگەن.

  نەنجىڭ شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى كۈن تاللاپ بۇ دېلو ئۈستىدىن سوت ئاچىدۇ .(مەلىكەم تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر