باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

24 سائەت قولايلىق دۇكان «كەلگۈسىدىكى دورىخانا» پىلانى ئېلان قىلىندى

2015.10.23 13:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (ئالىم راخمان تەرجىمىسى) 22-ئۆكتەبىر، ئەلىبابا ساغلاملىق تارمىقى بېيجىڭدا «ئەلىبابا ساغلاملىقىنىڭ كەلگۈسىدىكى دورىخانا شېرىكى پىلانى»نى ئېلان قىلدى، بۇ پىلاندا تور ۋە ئەمەلىي گەۋدە بىرلەشكەن B2C+O2O دورىخانا ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى سېتىش سۇپىسى بارلىققا كەلتۈرۈلىدۇ، يېقىن ئەتراپتىكى ھەمكارلاشقان ئەمەلىي گەۋدە دورىخانىسى ئارقىلىق ئاۋامنىڭ توردا چىقارغان دورا سېتىۋېلىش ئېھتىياجى قاندۇرۇلىدۇ، سىستېما ئاپتوماتىك ھالدا ئابونتلارنى ئالدى بىلەن ئەمەلىي گەۋدە دورىخانىسىدا سېتىۋېلىشقا تەۋسىيە قىلىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، ئابونتلار ھەمكارلاشقان ئەمەلىي گەۋدە دورىخانىلىرىدا ئېھتىياجلىق دورىلارنى تاپالمىغاندا، دورىخانا خىزمەتچىلىرى ئابونتلارنى توردا سېتىۋېلىشقا تەۋسىيە قىلىدۇ. ئىستېمالچىلار ئۆزى ئېھتىياجلىق دورىلارنى تېز سۈرئەتتە يەتكۈزۈپ بېرىشنى تاللىسىمۇ ياكى ئۆزى بېرىپ ئېلىۋالسىمۇ بولىدۇ. دورىخانىلار كەلگۈسىدە دېئاگىنوز قويۇش، تەكشۈرۈش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى تەمىنلەيدۇ، ھەتتا «24 سائەتلىك قولايلىق دۇكان»، تېز پوچتا ئېلىش-سېلىش نۇقتىسى، مەھەللە مەركىزىگە ئايلىنىدۇ. نۆۋەتتە ئاساسلىقى بېيجىڭ ۋە خاڭجوۋغا جايلاشقان يۈزدىن ئارتۇق زەنجىرسىمان دورىخانا ھەمكارلىشىشنى خالىغان.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر