باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن «گوۋۇيۈەن تارماقلىرىنىڭ مەمۇرىي تەستىقلاشقا ئالاقىدار ۋاسىتىچىلىك مۇلازىمەت تۈرلىرىدىن تۇنجى تۈركۈمدە 89 تۈرنى رەتكە سېلىش قېلىپلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى قارارى»نى تارقاتتى

2015.10.16 17:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ ئىمزا قويۇپ تەستىقلىشى بىلەن گوۋۇيۈەن يېقىندا «گوۋۇيۈەن تارماقلىرىنىڭ مەمۇرىي تەستىقلاشقا ئالاقىدار ۋاسىتىچىلىك مۇلازىمەت تۈرلىرىدىن تۇنجى تۈركۈمدە 89 تۈرنى رەتكە سېلىش قېلىپلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى قارارى» نى تارقىتىپ،گوۋۇيۈەن تارماقلىرىنىڭ مەمۇرىي تەستىقلاشقا ئالاقىدار ۋاسىتىچىلىك مۇلازىمەت تۈرلىرىدىن تۇنجى تۈركۈمدە 89 تۈرنى رەتكە سېلىش قېلىپلاشتۇرۇش، مەمۇرىي تەستىقنىڭ قوبۇل قىلىش شەرتى قىلماسلىقنى قارار قىلدى.

  مەمۇرىي تەستىقلاشقا ئالاقىدار ۋاسىتىچىلىك مۇلازىمىتى ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ قانۇن بويىچە ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش، ئىلتىماس قىلغۇچىنى كەسپىي، تېخنىكا مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش جەھەتلەردە مۇھىم رول ئوينايدۇ، لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ۋاسىتىچىلىك مۇلازىمىتى ئىشلىرىنىڭ ھالقىسى كۆپ، ۋاقتى ئۇزاق بولۇش، قالايمىقان ھەق ئېلىش، مونوپول قىلىۋېلىش، بەزى ۋاسىتىچى ئاپپاراتلار بىلەن ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ مەنپەئەتى باغلىنىشلىق بولۇشتەك مەسىلىلەر ساقلانغان بولغاچقا، بۇ ئەھۋال كارخانا ۋە ئاممىنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇردى، ھەتتا چېرىكلىشىشنىڭ سەۋەبى بولۇپ قالدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ۋاسىتىچىلىك مۇلازىمەت خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇشقا يۈكسەك ئېتىبار بېرىپ، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى 2015-يىلى 4-ئايدا «گوۋۇيۈەن تارماقلىرىنىڭ مەمۇرىي تەستىقلاشقا ئالاقىدار ۋاسىتىچىلىك مۇلازىمىتىنى رەتكە سېلىش، قېلىپلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» نى تارقىتىپ، ھالقىنى ئازايتىش، مونوپوللۇقنى بۇزۇپ تاشلاش، مەنپەئەت مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈش، تىزىملىك بويىچە باشقۇرۇش، قېلىپلاشتۇرۇپ ھەق ئېلىش، نازارەت قىلىش كۈچەيتىش قاتارلىق ئالتە جەھەتتىكى ئېنىقلاش، قېلىپلاشتۇرۇش تەدبىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى .(شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر