باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن «يېزىلاردا ھۆددە يەرنى باشقۇرۇش ھوقۇقى ۋە دېھقانلارنىڭ تۇرالغۇ مۈلۈك ھوقۇقىنى رەنە قويۇپ قەرز بېرىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»نى تارقاتتى

2015.10.16 08:58         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيى ۋە ج ك پ 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3 -، 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دېھقانلارغا ھۆددە يېرىدىن پايدىلىنىش نەرسە ھوقۇقىنى بېرىپ، يېزىلارنىڭ يەر بايلىقىنى جانلاندۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ مۈلۈك خاراكتېرلىك كىرىم يولىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، گوۋۇيۈەن يېقىندا «يېزىلاردا ھۆددە يەرنى باشقۇرۇش ھوقۇقى ۋە دېھقانلارنىڭ تۇرالغۇ مۈلۈك ھوقۇقىنى رەنە قويۇپ قەرز بېرىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر»دېيىلىدۇ)نى تارقاتتى.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: يېزىلاردىكى ھۆددە يەرنى باشقۇرۇش ھوقۇقى ۋە دېھقانلارنىڭ تۇرالغۇ مۈلۈك ھوقۇقى(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئىككى ھوقۇق»دېيىلىدۇ) نى رەنە قويۇپ قەرز بېرىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشتا قانۇنلۇق، تەرتىپلىك، ئىختىيارىي بولۇش، پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش، خېيىم - خەتەرنى كونترول قىلىش پىرىنسىپى، ئىگىدارچىلىق ھوقۇقى، ھۆددە ھوقۇقى، باشقۇرۇش ھوقۇقىدىن ئىبارەت ئۈچ ھوقۇقنى تارقاقلاشتۇرۇش ۋە باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ئوبوروت قىلىشنىڭ ئالاقىدار تەلىپى بويىچە، يېزا يېرىدىن پايدىلىنىش مۈلۈك ھوقۇقىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دېھقانلارغا تېخىمۇ كۆپ مۈلۈك ھوقۇقى بېرىشنى مەۋقە قىلىپ، يېزا پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «ئىككى ھوقۇق»نى رەنىگە قويۇپ قەرز ئېلىش كەسپىنى پۇختا، تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇپ، يېزىلارنىڭ يەر، پۇل مۇئامىلە، مۈلۈك بايلىقىنى ئۈنۈملۈك جانلاندۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدىكى ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك ۋە كۆلەملەشكەن باشقۇرۇش سېلىنمىسىنى كۆپەيتىپ، يېزا يەر تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ياخشى ئاساس سېلىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ۋە يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش كېرەك.

  «پىكىر»دە نۇقتىدا سىناق قىلىنىدىغان بەش ئاساسلىق مەزمۇن ئوتتۇرىغا قويۇلدى: بىرىنچى، «ئىككى ھوقۇق»نى رەنىگە قويۇپ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش فۇنكسىيەسى يۈكلىنىدۇ. يېزا يەر ھوقۇق - مەنپەئىتىنى ياخشى قوغداش، ياخشى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ۋە ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن، «ئىككى ھوقۇق»نى رەنىگە قويۇپ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئىقتىدارى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، دېھقانلارنىڭ ھۆددە يېرىدىن پايدىلىنىش مۈلۈك ھوقۇقىنىڭ مۈلۈك خاراكتېرى ئاشۇرۇلىدۇ. ئىككىنچى، يېزا پۇل مۇئامىلە مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمىتى شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. قەرز پۇلنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى، قايتۇرۇش مۇددىتى، سوممىسى، كېپىللىك، خېيىم - خەتەرنى كونترول قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە يېڭىلىق يارىتىش، قوللاش سالمىقى ئاشۇرۇلىدۇ. ئۈچىنچى، رەنىگە قويۇلغان مۈلۈكنى بىرتەرەپ قىلىش مېخانىزمى ئورنىتىلىدۇ. پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ دېھقانلارنىڭ ھۆددىگە ئېلىش ھوقۇقى ۋە ئاساسىي تۇرالغۇ ھوقۇق - مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىشنى ئالدىنقى شەرت قىلىپ، رەنىگە قويۇلغان مۈلۈكنى قانۇن بويىچە كۆپ خىل شەكىلدە بىرتەرەپ قىلىشىغا ئىجازەت بېرىلىپ، رەنىگە قويۇلغان مۈلۈكنى بىرتەرەپ قىلىش تەدبىرلىرى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. تۆتىنچى، يانداش تەدبىرلەر مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. سىناق نۇقتىسى قىلىنىدىغان رايونلاردا يېزا يېرىنى ھۆددىگە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقى، ئۆيلۈك يەرنى ئىشلىتىش ھوقۇقى ۋە دېھقانلارنىڭ ئۆي ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى تىزىملاپ كىنىشكا تارقىتىش خىزمىتى تېزلىتىلىپ، يېزا يەر مۈلۈك ھوقۇقى سودا سۇپىسى بەرپا قىلىنىدۇ، يېزا ئىناۋەت سىستېمىسى ئورنىتىلىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. بەشىنچى، قوللاش، ھەمكارلىشىش ۋە ماسلىشىش سالمىقى ئاشۇرۇلىدۇ. پۇل سىياسىتى، مالىيە سىياسىتى، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سىياسىتى، سۇغۇرتا كاپالىتى قاتارلىق جەھەتلەردە يۆلەش، ھەمكارلىشىش ۋە ماسلىشىش سالمىقى ئاشۇرۇلىدۇ.

  تەشكىللەش ۋە يولغا قويۇشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، «پىكىر»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: خەلق بانكىسى مەركەز يېزا خىزمىتى ئىشخانىسى قاتارلىق ئورۇنلار بىلەن بىرلىكتە يېزىلارنىڭ يەر ھۆددە ھوقۇقىنى رەنىگە قويۇپ قەرز بېرىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتى يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى ۋە يېزا تۇرالغۇ مۈلۈك ھوقۇقىنى رەنىگە قويۇپ قەرز بېرىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتى يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى قۇرىدۇ، ئۇلار سىناق نۇقتىسى قىلىنىدىغان رايونلارنى تاللاش، قانۇن بويىچە ھوقۇق بېرىشنى قولغا كەلتۈرۈش، كونكرېت باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنى بېكىتىش، ئىز قوغلاپ يېتەكچىلىك قىلىش، مەخسۇس ئىستاتىستىكا قىلىش ۋە باھالاش، خۇلاسىلەش قاتارلىق خىزمەتلەرگە ئومۇميۈزلۈك مەسئۇل بولىدۇ. سىناق نۇقتىسى قىلىنىدىغان رايونلار سىناق خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، سىناق قىلىشنىڭ تەلەپلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كونكرېت يولغا قويۇش تەدبىرلىرىنى بېكىتىپ، ھوقۇقنى بېكىتىش، تىزىملاش ۋە كىنىشكا تارقىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئوبوروت سودا سۇپىسى قۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسى كاپالىتى، رەنىگە قويۇلغان مۈلۈكنى بىرتەرەپ قىلىش، خېيىم - خەتەرنى ئازايتىش ۋە تولۇقلىما بېرىش مېخانىزمى ئورنىتىش قاتارلىق يانداش خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق، مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر