باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى: دۆلەت كارخانىلىرى رەھبەرلىرىنىڭ مائاشى پەرقلەندۈرۈلىدۇ

2015.09.15 17:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا تورى، بېيجىڭ، 14- سېنتەبىر تېلېگراممىسى. ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى جاڭ يىجېن 14- سېنتەبىر گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى ئۆتكۈزگەن خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: يېڭى بىر نۆۋەتلىك دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىدا دۆلەت كارخانىلىرى رەھبەرلىرىگە تاللاپ ئۆستۈرۈش ئۇسۇلىغا ماس كېلىدىغان، كارخانىنىڭ فونكىسسىيەلىك ماھىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، تىجارەت نەتىجىسى بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن پەرقلىق مائاش تەقسىمات چارىسى يولغا قويۇلىدۇ.

  جاڭ يىجېن مۇنداق دېدى:«دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»دە دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ مائاش كىرىم تەقسىمات تۈزۈمى ئىسلاھاتىنىڭ نىشانى كۆرسىتىپ بېرىلدى، كېيىنكى قەدەمدە دۆلەت كارخانىلىرى مائاش، كىرىم تەقسىمات تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىشنىڭ كونكىرت لايىھەسى مۇزاكىرە قىلىنىپ تۈزۈلۈپ، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىغا ماس كېلىدىغان مائاش تەقسىماتى بويىچە رىغبەتلەندۈرۈش ۋە چەكلەش مېخانىزىمى ئورنىتىلىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ:

  بىر تەرەپتىن دۆلەت كارخانىلىرى مائاش ئومۇمىي سوممىسىنى بەلگىلەش مېخانىزىمى ئىسلاھ قىلىنىپ، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ فونكىسسىيەلىك ئورنى ۋە تۈرىگە بىرلەشتۈرۈلۈپ، ئىسلاھات تۈرگە ئايرىلىپ يولغا قويۇلۇپ، رىقابەتلىك دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ مائاشنى ئۆز ئالدىغا بەلگىلەش ھوقۇقى بولۇش تەدرىجىي يولغا قويۇش، قىسمەن كىرىمى زىيادە يۇقىرى كارخانىلارغا نىسبەتەن مائاش ئومۇمىي سوممىسى ۋە مائاش سەۋىيەسىدىن قوش تەڭشەش سىياستىنى داۋاملىق قوللىنىش؛ يەنە بىر تەرەپتىن دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئىچكى تەقسىمات تۈزۈمى ئىسلاھاتىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، دۆلەت كارخانلىرىنىڭ ئىچكى تەقسىماتتا ئۆز ئۆزىگە خوجا بولۇش ھوقۇقىنى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈش، كارخانىلار ئەمگەك كۈچى بازىرى مائاش سەۋىيەسىدىن پايدىلىنىپ، بازار رىقابەت دەرىجىسى ۋە كارخانا ئىقتىسادىي ئۈنۈمىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئىش ئورنى مەسئۇلىيەت ۋە ئۈنۈم تۆھپىسىگە ئاساسەن ئۆز ئالدىغا بەلگىلەش. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر