باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مۇسۇلمانچە يېمەكلىك گۇۋاھلىق بېرىش ئۆلچەم مۇساپىسى ئىلگىرى سۈرۈلدى

2015.09.14 15:40         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سەككىز ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر مۇسۇلمانچە يېمەكلىك گۇۋاھلىق بېرىش ئۆلچەم مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈردى

  نىڭشيا، شەنشى، گەنسۇ، چىڭخەي قاتارلىق 5 ئۆلكە، ئاپتونوم رايوننىڭ 2012-يىلى مۇسۇلمانچە يېمەكلىك گۇۋاھلىق بېرىش ئۆلچىمى ئاساسىدا ، 11-سېنتەبىر خېنەن، سىچۇەن، تيەنجىندىن ئىبارەت ئۈچ ئۆلكە، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ يىنچۈەن شەھىرىدە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ ، مۇسۇلمانچە يېمەكلىك گۇۋاھلىق بېرىش مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە قاتناشتى.

  2015-يىللىق جۇڭگو (نىڭشيا) خەلقئارا مۇسۇلمانچە يېمەكلىككە گۇۋاھلىق بېرىش ھەمكارلىق مۇنبىرىدە، نىڭشيا مۇسۇلمانچە يېمەكلىك خەلقئارا سودا گۇۋاھلىق بېرىش مەركىزى بىلەن خېنەن، سىچۇەن، تيەنجىن قاتارلىق ئۆلكە،مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر مۇسۇلمانچە يېمەكلىك گۇۋاھلىق بېرىش يەرلىك ئىتتىپاقى ئۆلچەم ھەمكارلىق ئەسلەتمىسى» ئىمزالىدى.

  ئىگىلىنىشىچە، ئېلىمىزدىكى مۇسۇلمانلار 22 مىليوندىن ئاشىدىكەن، مۇسۇلمانچە بۇيۇملار كەسىپى ھەر يىلى % 20 لىك سۈرئەت بىلەن تېز تەرەققىي قىلماقتا ئىكەن . ئۇندىن باشقا، پۈتۈن دۇنيادا 1 مىليارد 700 مىليوندىن ئارتۇق مۇسۇلمان ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 3 تىرىليون 200 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى كېلىدىغان مۇسۇلمانچە بۇيۇملار كەسپىنى شەكىللەندۈرگەن . يېقىنقى يىللادىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ مۇسۇلمانچە يېمەكلىك كارخانىلىرىنىڭ « سىرتقا يۈزلىنىش » قەدىمىمۇ بارغانسېرى تېزلەشكەن.

  8 ئۆلكە،ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر مۇسۇلمانچە يېمەكلىككە گۇۋاھلىق بېرىش ئۆلچىنى ئىلگىرى سۈرۈش داۋامىدا، بىرلىكتە قۇرغان بىرلەشمە كېڭەش تۈزۈمىگە ئەمەل قىلىپ، ھەر يىلى نۆۋەت بىلەن بىر قېتىم بىرلەشمە يىغىن ئېچىپ، ئۆلچەمنى يولغا قويۇش داۋامىدىكى ئالاقىدار ئەھۋاللار ۋە ساقلانغان مەسىلىلەرنى ئورتاق مۇھاكىمە قىلىدۇ مۇزاكىرە قىلىدۇ ۋە بۇ ھەقتە پىكىر ئالماشتۇرىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر