باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ پايدا ئېلىش مېخانىزمى ئۈچ جەھەتتىن مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ

2015.09.01 16:30         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەرنىڭ مەبلەغ سېلىش قىممىتىنى ئۆستۈرۈش، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ پايدا ئېلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش ۋە كاپىتال بازىرىنىڭ مۇقىم ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ئاكسىيە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى قاتارلىق تۆت مىنىستىرلىق ، كومىتېت تۈنۈگۈن ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ،پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەرنى قوشۇۋېتىپ قايتىدىن تەشكىللەش، پايدىنى بۆلۈشۈش ۋە شىركەت پېيىنى سېتىۋېلىشقا ئىلھاملاندۇردى. تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: بۇ ھەرىكەت ھازىر داۋالغۇۋاتقان شاڭخەي، شېنجېن پاي بازىرىغا ماھىيەتلىك پايدىلىق شارائىت يارىتىدۇ. تۆت مىنىستىرلىق كومىتېتنىڭ ئۇقتۇرۇشىدا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەرنى قوشۇۋېتىپ قايتىدىن تەشكىللەش، ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرىنى ئىخچاملاپ ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش، تۆلەش ۋاسىتىلىرى ۋە مەبلەغ يۈرۈشلەشتۈرۈش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، دۆلەت پېيىنى كونترول قىلغان پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەرنى كاپىتال بازىرىغا تايىنىپ بايلىق يىغىشنى كۈچەيتىشكە ئىلھاملاندۇرۇپ، بانكا بىلەن قەرز پۇل ، ئۇنىۋېرسال ئىشەنچ قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن قوشۇۋېلىپ قايتا تەشكىللەشكە تۈرتكە بولۇش ھەمدە كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق دۆلەت ھالقىپ قوشۇۋېلىشقا پۇل مۇئامىلە جەھەتتىن ياردەم بېرىش لازىم.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر