باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو پۇتبۇلچىلار جەمئىيىتى دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسىدىن ئايرىلىپ چىقىدۇ

2015.08.18 15:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. «جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنى تەڭشەش، ئىسلاھ قىلىش لايىھەسى» بۈگۈن رەسىمىي ئېلان قىلىندى. لايىھەگە ئاساسەن، جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتى دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسىدىن ئايرىلىپ چىقىپ، قانۇن بويىچە خىزمەتلەرنى مۇستەقىل يۈرۈشتۈرىدۇ، ئىچكى قۇرۇلمىسىنى تەسىس قىلىش، خىزمەت پىلانى تۈزۈش، مالىيە ۋە ئىش ھەققىنى باشقۇرۇش، كادىرلارنى باشقۇرۇش، خەلقئارا كەسپىي ئىشلار ئالاقىسى جەھەتلەردە ئۆز ئۆزىگە خوجا بولۇش ھوقۇقىغا ئىگە بولىدۇ.

  تەڭشەلگەن، ئىسلاھ قىلىنغاندىن كېيىنكى جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتى مەملىكەتتىكى پۇتبولچىلار تەشكىلاتلىرى ۋە شەخسلەرنى پۇتبۇلچىلىقنى ئورتاق تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىشلىرى ئۈچۈن ئىتتىپاقلاشتۇرىدىغان، جامائەت پاراۋانلىقى خاراكتېرىدىكى ئىجتىمائىي تەشكىلات، شۇنداقلا قانۇن ھوقۇق بەرگەن ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ھاۋالىسى بىلەن مەملىكەتنىڭ پۇتبۇلچىلىقىنى باشقۇرىدىغان، جامائەت فونكىسسىيەگە ئىگە تەلەپچان تەشكىلات بولۇپ، تەنتەربىيە تارماقلىرىنىڭ پۇتبولچىلىق ساھەسىنى باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. ئۆزگەرتىش تاماملانغاندىن كېيىن، مۇۋاپىق پەيتتە پۇتبول ھەرىكىتىنى باشقۇرۇش مەركىزى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ ھەم بەلگىلىمە بويىچە ئالاقىدار ئىشتاتلار بىكار قىلىنىدۇ.

  پۇتبول ھەرىكىتىنى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ رەھبەرلىك بەنزىسى گوۋۇيۈەن تەنتەربىيە مەمۇرىي تارمىقىنىڭ ۋەكىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن جۇڭگو پۇتبۇلچىلار جەمئىيىتىگە كىرىدۇ، كەسپىي ئورۇن ۋەزىپىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن باشقۇرىدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر