باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ياپونىيە كابىنېت ئەزالىرىنىڭ ياسوكىنى ئىبادەتخانىسىنى تاۋاپ قىلغانلىقىدىن قاتتىق نارازى بولدى

2015.08.18 15:18         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۇنيىڭ تۈنۈگۈن مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ياسوكونى ئىبادەتخانىسى ياپونىيە مىلىتارىستلىرىنىڭ سىرتقا تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى قوزغاشتىكى روھى قورالى ۋە سىمولى، 15-ئاۋغۇست ياپونىيە مىلىتارىستلىرى شەرتسىز تەسلىم بولغان كۈن، ياپونىيەدىكى بەزى سىياسىيونلارنىڭ بۇ كۈننى تاللاپ، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى بىرىنچى دەرىجىلىك ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىنىڭ ئەرۋاھ تاختىسى قويۇلغان، تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىنى پەدازلايدىغان ياسوكونى ئىبادەتخانىسىنى تاۋاپ قىلىشى ياپونىيەنىڭ تارىخ مەسىلىسىدىكى ئېغىر خاتالىقىنى يەنە بىر قېتىم ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى.جۇڭگو بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ ۋە كۈچلۈك نارازىلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

  بىر مۇخبىر 15-ئاۋغۇست ياپونىيەدىكى قىسمەن كابىنېت ئەزالىرى ياسوكونى ئىبادەتخانىسىنى تاۋاپ قىلىپتۇ، باش ۋەزىر ئابىيشىنزو ياسوكونى ئىبادەتخانىسىغا كۈجە كۆيدۈرۈش پۇلى بېرىپتۇ، جۇڭگو بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ دەپ سورىغاندا خۇا چۈنيىڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىل جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى ۋە دۇنيا فاشىزىمغا قارشى ئۇرۇش غەلبىسىنىڭ 70 يىللىقى، شۇنداقلا خەلقئارا جەمئىيەت تارىخنى قايتا ئەسلەيدىغان، يەكۈنلەيدىغان، كەلگۈسىنى پىلانلايدىغان مۇھىم يىل، ياپونىيە ئۆتكەن ئاشۇ تاجاۋۇزچىلىق تارىخىنى ھەقىقىي توغرا تونۇپ ۋە چوڭقۇر ئويلىنىپ، مىلىتارىزم بىلەن چەك چېگراسىنى ئايرىسا ئاندىن تارىخىي يۈكتىن قۇتۇلىدۇ، ئاندىن كەلگۈسىگە ھەقىقىي يۈزلىنەلەيدۇ، بىز ياپونىيەنى ھازىرغىچە جۇڭگو ۋە خەلقئارا جەمئىيەتكە بىلدۈرگەن ئىپادىسى ۋە بەرگەن ۋەدىسىنى ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق نەقلەشتۈرۈپ، ئالاقىدار مەسىلىلەرنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، ئاسىيادىكى قوشنا ئەللەر ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ھەقىقىي ئىشەنچىسىگە ئېرىشىشكە يەنە بىر قېتىم كەسكىن دەۋەت قىلىمىز.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر