باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تيەنجىن مۇھىت ئاسراش ئىدارىسىنىڭ باش ئىنژېنېرى باۋ جىڭلىن كېرەكسىز سۇ بىلەن بۇلغىنىش مەسىلىسىگە ئىنكاس قايتۇردى

2015.08.17 14:48         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تيەنجىن شەھەرلىك مۇھىت ئاسراش ئىدارىسىنىڭ باش ئىنژېنېرى باۋ جىڭلىن سىرتقى ساھەدىكىلەر ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان كېرەكسىز سۇ بىلەن بۇلغىنىش مەسىلىسىگە قارىتا 16-ئاۋغۇست ئۆتكۈزۈلگەن تيەنجىن پورت رايونىدىكى رۇيخەي شىركىتىنىڭ خەتەرلىك بۇيۇملار ئىسكىلاتىدا 12-ئاۋغۇست يۈز بەرگەن پەۋقۇلئاددە زور ئوتتىن پارتلاش ۋەقەسى ھەققىدىكى 6-قېتىملىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئىنكاس قايتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن مۇھىت ئاسراش تارماقلىرى ۋەقە يۈز بەرگەن رايوننىڭ ئۈچ يېرىدىكى دېڭىزغا كىرىش، چىقىرىش ئېغىزىنىڭ ھەممىسىنى تاقاپ، ۋەقەدىن چىققان كېرەكسىز سۇنىڭ دېڭىز ئوكيانغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى ۋە سىرتقى مۇھىتقا بولغان تەسىرىنى توستى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە نەق مەيداننى ئايرىپ تۇرىدىغان رايوندىكى يامغۇر سۈيى ئېغىزى، بۇلغانما سۇ ئېغىزى، بۇلغانما سۇنى بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتى، دېڭىز دەريا چۈشۈرگۈ قاپقىسى قاتارلىقلارنى ئۈزلۈكسىز نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈپ، ۋەقە يۈز بەرگەن رايوننىڭ ئەتراپىنى توستى ۋە بەش تۈرلۈك تەدبىر قوللاندى، باۋ جىڭلىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 15-ئاۋغۇست كەچكىچە، 100 توننا كېرەكسىز سۇ مەخسۇس باك ماشىنىسىدا بۇلغانما سۇنى بىر تەرەپ قىلىش مەركىزىگە ئاپىرىلىپ بىر تەرەپ قىلىندى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر