باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «پىكىر» تارقىتىپ مائاشلىق دەم ئېلىش، ئارىلاشتۇرۇپ دەم ئېلىش، «2.5 كۈن قىسقا دەم ئېلىش»نى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويدى

2015.08.12 17:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دەم ئېلىش تۈزۈمى قانداق ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ

  «ساياھەتكە مەبلەغ سېلىش ۋە ئىستېمالنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكىر»دە مائاشلىق دەم ئېلىش، ئارىلاشتۇرۇپ دەم ئېلىش، «2.5 كۈن قىسقا دەم ئېلىش» تەڭلا ئوتتۇرىغا قويۇلدى، شۇنىڭ بىلەن جامائەتچىلىك قىزغىن بەس مۇنازىرە قىلىپ، دەم ئېلىش تۈزۈمىدىكى «مۇز پارچىلاندى»، دەپ قارىدى. ئۇنداق بۇ «ئۈچ خىل دەم ئېلىش» قانداق ئەمەلىيلىشىدۇ؟

  «2.5 كۈن دەم ئېلىش»: قانداق قىلغاندا «ئاغزىنى تاتلىق قىلىش»تىن ساقلانغىلى بولىدۇ؟

  بىر مەھەل قىياس قىلىنغان «2.5 كۈنلۈك ماس قەدەملىك خىزمەت ۋە دەم ئېلىش» 11- ئاۋغۇست مۇقىملاشتۇرۇلدى. «پىكىر» مۇنداق دېيىلدى: «شارائىتى بار جايلار ۋە ئورۇنلار ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، قانۇن بويىچە خىزمەت ۋە دەم ئېلىشنى ئەلالاشتۇرۇپ تەڭشەپ، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ جۈمە كۈنى چۈشتىن كېيىنكى ۋاقتىنى ھەپتە ئاخىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ سىرتلارغا دەم ئېلىشقا چىقىشقا شارائىت ھازىرلىسا بولىدۇ».

  بيېجىڭدا خىزمەت قىلىۋاتقان خېبېي ئۆلكىسىدىن چېن گاڭ مۇنداق دېدى: ئادەتتە ھەپتە ئاخىرىدىكى ئىككى كۈندە ئويگە قايتسام ئالدىراپ قالىمەن، يېرىم كۈن ئارتۇق بولغان «ئۆيگە پات- پات قايتالىغان بولاتتىم»، بولۇپمۇ پىژغىرىم ئىسسىق كۈنلەردە يېرىم ئارتۇق دەم ئېلىش تولىمۇ ياخشى پاراۋانلىق.

  ۋەھالەنكى، مۇخبىرنىڭ بايقىشىچە، «خىزمەت ئىستىقبالى» ۋە «دەم ئېلىش تەننەرخى»نى ئويلاشقاندا، بەزىلەر يەنىلا ئارىسالدى بولغان. مۇخبىرنىڭ بايقىشىچە، ھازىر جايلار، ئورۇنلارنىڭ دەم ئېلىش سوراش تەرتىپى ئاساسەن مۇرەككەپ بولۇپ، بىر نەچچە ھالقا بويىچە تەستىقلىنىپ ئۆتىدىكەن. 26 ياشلىق ئەنخۇي ئۆلكىسىدىن ۋۇ چىڭ مۇنداق دېدى: شىركەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئاۋۋال رۇخسەت سوراش جەدۋىلى ئالىمىز، ئاندىن رەھبەرلەر قول قويۇپ تەستىقلايدۇ، تۆت سائەت رۇخسەت ئېلىش ئۈچۈن،، ئىمزا قويدۇرۇشقىلا تۆت سائەتكە يېقىن قاتىرايدىغان گەپ.

  گۇاڭدۇڭ مالىيە ئۇنىۋېرىستېتى ساياھەت باشقۇرۇش ۋە پىلانلاش، لايىھەلەش تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى جاڭ ۋېيچياڭ پىروفېسسور مۇنداق دېدى: قىسقا دەم ئېلىشنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئارتۇق چىقىپ يېرىم كۈنلۈك دەم ئېلىشنى ئېنىق ئايرىش كېرەك، مۇبادا بەلگىلىمە بويىچە خىزمەت ۋاقتىنى ئىگىلىۋالغان بولسا، قانداق تولۇقلاش توغرىسىدا ئېنىق سىياسەت بولۇشى كېرەك. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر