- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
پەلەستىن خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىغا ئىسرائىلىيە ئۈستىدىن ئەرز سۇندى
2015.08.05 17:03 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
پەلەستىن تۈنۈگۈن يەھۇدىي ئەسەبىلەرنىڭ پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۆيلىرىگە ئوت قويۇپ بوۋاقلارنىڭ جېنىغا زامىن بولۇش دېلوسى ھەققىدە باش شىتابى گوللاندىيەنىڭ گائاگاغا تەسىس قىلىنغان خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىغا ئىسرائىلىيە ئۈستىدىن ئەرز سۇندى.
پەلەستىن ئاۋازى رادىيو ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، پەلەستىننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى مالىك: پەلەستىن دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئوت قويۇش دېلوسىغا ئالاقىدار ھۆججەت، خەرىتە، رەسىم قاتارلىق ماتېرىياللارنى توپلاپ رەتلىگەندىن كېيىن تۈنۈگۈن خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىغا تاپشۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.
مالىك مۇنداق دېدى: خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتى پەلەستىن تاپشۇرغان بارلىق ماتېرىياللارنى قوبۇل قىلدى. پەلەستىن دائىرىلىرى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تاپشۇرغان ماتېرىياللارنىڭ خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇرۇش جىنايىتىنى تەكشۈرۈشىنى تېزلىتىشىگە ياردىمى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر