باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى «ئېلېكتىرنى پاكىزلاش پىلانى»نىڭ ئاخىرقى لايىھەسىنى ئېلان قىلدى

2015.08.05 17:02         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما 3-ئاۋغۇست «پاكىز ئېلېكتىر پىلانى»نىڭ ئاخىرقى لايىھەسىنى ئېلان قىلدى. بۇ لايىھە ئۆتكەن يىلىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئامېرىكا مۇھىت ئاسراش ئىدارىسى ئېلان قىلغان پىلان لايىھەسى بىلەن سېلىشتۇرغاندا بۇلغىما ئازايتىش ئۆلچىمى ئازراق يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن، ھەر قايسى ئىشتاتلار يولغا قويۇۋاتقان پىلاننىڭ جانلىقلىقى كېڭەيتىلگەن ھەمدە تىرىلمە ئېنېرگىيە بىلەن يۆلەش سالمىقى ئاشۇرۇلغان. ئۆتكەن يىلدىكى لايىھە بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئاخىرقى لايىھەدە ئامېرىكىنىڭ توك تارقىتىش كارخانىلىرىنىڭ بۇلغىما ئازايتىش ئۆلچىمى 2030-يىلىغىچە قويۇپ بېرىش مىقدارى 2005-يىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا 30 پىرسەنت تۆۋەنلىتىلىپ 32 گە چۈشۈرىلىدۇ. بۇلغىما ئازايىتىش نىشانىنىڭ ھەر قايسى ئىشىتاتلارنىڭ ئىقتىسادىغا بېرىدىغان زەربىسىنى ئازايتىش ئۈچۈن، ئاخىرقى لايىھەدە ھەر قايسى ئىشىتاتلارنىڭ بۇلغىما ئازايتىش لايىھەسىنىڭ كۈچكە ئىگە بولۇش ۋاقتى بۇندىن بۇرۇنقى لايىھەدىكى 2020-يىلىدىن 2022-يىلىغا كېچىكتۈرۈلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر