باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ۋاڭ يى: جۇڭگو ھەر قانداق بىر دۆلەتنىڭ جەنۇبىي دېڭىزدا قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرۇشقا يول قويمايدۇ

2015.08.05 17:00         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سىنگاپوردا زىيارەتتە بولىۋاتقان دىپلوماتىيە مىنىستىرىمىز ۋاڭ يى 3-ئاۋغۇست مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھازىر جەنۇبىي دېڭىز ۋەزىيىتى ئومۇمەن مۇقىم بولماقتا، جۇڭگو تەستە قولغا كەلگەن بۇ ۋەزىيەتنى قەتئىي ئېغىشماستىن قوغدايدۇ، ھەر قانداق دۆلەتنىڭ جەنۇبىي دېڭىزدا قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرۇشىغا يول قويمايدۇ. جۇڭگو بىلەن قىسمەن دۆلەتلەرئارىسىدا ساقلانغان نەنشا تاقىم ئارىلى ماجراسىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى - بۇ دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگونىڭ نەنشا تاقىم ئارىلىدىكى قىسمەن زېمىنىنى قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىپ زېمىن ئىگىلىك ھوقۇقى ماجىراسى پەيدا قىلغانلىقىدا، جۇڭگو نەنشا تاقىم ئارىلى ھەمدە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى دېڭىز ساھىلىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە ھەققانىي ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە قوغدايدۇ. ۋاڭ يى شۇ كۈنى سىنگاپوردا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسى جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئارىسىدىكى مەسىلە ئەمەس، بۇ جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ھەمكارلىق ئومۇملىقىغا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ، جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىنى جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتىنىڭ مۇۋاپىق ئورنىغا قويۇش كېرەك. جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلغاندا قوش يول ئىدىيەسىنى بېكىتتى، يەنى ئالاقىدار دەۋالاشقۇچى دۆلەتلەر سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق ماجىرالارنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى جەنۇبىي دېڭىزنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى بىرلىكتە قوغداشتىن ئىبارەت.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر