باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاش» «مەمۇرىيەتنى ھورۇنلاشتۇرۇش» دېگەنلىك ئەمەس

2015.08.05 16:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا بىر يېمەكلىك شەھەرچىسىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغىنىمدا، بەزى دۇكانلارنىڭ تازىلىق شارائىتى ناھايىتى ناچار تۇرۇقلۇق، تامغا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى تارقاتقان سەھىيە ئىجازەتنامىسىنى ئېسىپ قويغانلىقىنى بايقىدىم. سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق بىلىشىمچە، ھازىر، كېنىشكە بېجىرىشكە قويۇلغا شەرت تۆۋەنلىتىلگەن، سەھىيە تارماقلىرىغا ئەنگە ئالدۇرسىلا، ھەقسىز ئىلتىماس قىلىپ ئالغىلى بولىدىكەن.

  ئەسلىدە، مەركەزنىڭ «مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش» سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، يەرلىك بىر تۈركۈم مەمۇرىي تەستىقلاشتىكى ھەق ئېلىش تۈرلىرىنى بىكار قىلغان. ئېلىنىدىغان ھەق ئازلىغاچقا، سەھىيە تارماقلىرى مەمۇرىي چىقىمنى تېجەش ئۈچۈن، ئاممىۋى تازىلىقنى تەكشۈرۈش، خادىملارنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش قاتارلىق ھالقىلارنى قىسقارتىپ، «چەكلىمە يوق» كېنىشكە بېجىرىشنى يولغا قويغان. ۋاقىت ۋە كۈچ تېجەيدىغان، شۇنداقلا تەننەرخنى تۆۋەنلىتىدىغان ئىشنى تىجارەتچىلەر ئالقىشلايدۇ، بۇمۇ قاراشتىن «مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاش»تەك كۆرۈنىدۇ. لېكىن، بۇ «بىر ئىشتىن كۆپ ئۈنۈمگە ئېرىشىش» تەدبىرىنىڭ يېمەكلىك، تازىلىق بىخەتەرلىكىگە يوشۇرۇن ئاپەت كۆمۈپ قويغانلىقى، شۇنداقلا مەركەز تەلەپ قىلغان «مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاش» بىلەن قارشى يول تۇتقانلىقى ئېنىق.

  «مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش»تە ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش مەقسەت قىلىنغان، ھەرگىزمۇ بۇ ئارقىلىق مەمۇرىيەتنى ھورۇنلاشتۇرۇشقا باھانە ئىزدەش، ھەتتا، باشقۇرۇشنى شەكلىنى ئۆزگەرتىپ بوشاشتۇرۇش ۋە مەسئۇلىيەتتىن قېچىش مەقسەت قىلىنمىغان. بولۇپمۇ، خەلقنىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىكى تەرتىپنى ئاددىيلاشتۇرۇشقا بولىدۇ، لېكىن، ئۆلچەمنى تۆۋەنلىتىشكە بولمايدۇ. ھۆكۈمەت تارماقلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئاممىغا مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيەسى بىلەن، بوشاشتۇرۇشقا كېرەكلىكىنى بوشاشتۇرغاندا، باشقۇرۇشقا كېرەكلىكىنى باشقۇرغاندا، ئاندىن «مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش»نىڭ شەكلى ئۆزگۈرۈپ كەتمەيدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر