باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

توردا قانۇنغا خىلاپ جىنايى ئەھۋاللارنى بىرىنچى بولۇپ ئىگىلەش
ج خ مىنىستىرلىقى نۇقتىلىق تور بېكەتلىرىدە «تور بىخەتەرلىك ساقچى ئىشلىرى ئىشخانىسى» تەسىس قىلىشنى تەلەپ قىلدى

2015.08.05 16:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. يېقىندا ج خ مىنىستىرلىقى نۇقتىلىق تور بېكەتلىرى ۋە ئالاقە تورى كارخانىلىرىدا «تور بىخەتەرلىكى ساقچى ئىشلىرى ئىشخانىسى»نى تەسىس قىلىپ، توردىكى قانۇنغا خىلاپ جىنايى ئەھۋاللارنى بىرىنچى بولۇپ ئىگىلەش، تور بېكىتىنىڭ بىخەتەر باشقۇرۇش، مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش مۇلازىمەت قىلىشى ۋە يېتەكچىلىك قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

  بۇ ج خ مىنىستىرلىقى 4- ئاۋغۇست مەملىكەتلىك نۇقتىلىق ئالاقە تور بېكىتى ۋە مۇلازىمەت كارخانىلىرىنىڭ بىخەتەرلىك باشقۇرۇش خىزمىتى يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويغان تەلىپى. يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: نۆۋەتتە تور بىخەتەرلىكىنى قوغداش ۋەزىپىسى ھېلىھەم مۈشكۈل. تور ھۇجۇمى، توردا زوراۋانلىق، تېررورلۇق ئۇچۇرلىرىنى تارقىتىش، تور ئالدامچىلىقى، تور ئەھلىنىڭ خۇسۇسىي ئۇچۇرىنى بىلىۋىلىش ۋە توردا قىمار ئويناش، شەھۋانىيلىق، زەھەر سودىسى قىلىش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەر كۆپىيىپ، دۆلىتىمىزنىڭ خەۋپسىزلىكى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىققا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلە بولۇپ قالدى.

  يىغىنىدا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ج خ ئورگانلىرى تور ئىجتىمائىي بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشتىكى جەڭگىۋار قوشۇنلۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، تور بېكىتى ئۇچۇر بىخەتەرلىكى دەرىجىسىنى قوغداش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش، تور بېكىتىنىڭ قانۇنسىز سىڭىپ كىرىپ بۇزغۇنچلىق قىلىشتىن ساقلىنىش، تور ئەھلىنىڭ خۇسۇسىي ئۇچۇرىنى قوغداش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش؛ تور ساقچىسى توردا ئاشكارا چارلاش، قانۇن ئىجرا قىلىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، توردا«ساقچى چىقىپ تۇرۇش، باشقۇرۇپ تۇرۇش نىسبىتى» ئۆستۈرۈپ، تۈرلۈك قانۇنغا خىلاپ ھەرىكەتلەرنى ۋاقتىدا بايقاپ تىزگىنلەش؛ توردا زوراۋانلىق، تېررورلۇق، قورال، زوراۋانلىق ۋە شەھۋانىيلىق، قىمار ئويناش، زەھەر سودىسىغا چېتىلىدىغان قانۇنسىز ئۇچۇرلارنى ئومۇميۈزلۈك تازىلاش، توردا قانۇنسىز سىڭىپ كىرىپ بۇزغۇنچىلىق قىلىش، توردا خۇسۇسىي ئۇچۇرلارنى ئوغرىلاش، توردا ئوغرىلىق قىلىش، تور ئالدامچىلىقى ۋە توردا ئىغۋا تارقىتىش قتارلىق كۆپ يۈز بېرىدىغان توردىكى قانۇنغا خىلاپ جىنايەتلەرگە قاقشاتقۇچ زەربە بېرىپ، تور كارخانىسى ۋە تور ئەھلىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق مەنپەئەتىنى قانۇن بويىچە قوغداش كېرەك.(شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر