خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا ئېچىلغان گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىدا« جايلاردىكى مائاشلىق دەم ئېلىش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش»نى ئىلگىرى سۈرۈش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئىگىلىنىشچە بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، جۇڭگو ھۆكۈمەت تەرەپ ئاز دېگەندە بەش قېتىم مائاشلىق دەم ئېلىش تۈزىمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئاشكارا تەكىتلىگەن. بىر قىسىم جايلاردا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرمۇ يولغا قويۇلغان. مائاشلىق دەم ئېلىشنىڭ ئەمەلىيلىشىش سالمىقىمۇ ئۈزلۈكسىز زورايغان.
ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ بەرگەن ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، كەلگۈسىدە شارائىتى بار جايلار ۋە ئورۇنلارنىڭ ئۆز ئەھۋالىغا قاراپ ياز پەسلىدە ئىش ۋاقتىنى جانلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى جۈمە چۈشتىن كېيىندىن باشلاپ ھەپتە ئاخىرىدىكى دەم ئېلىشقا قويۇپ بەرسە بولىدىكەن.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى