- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
«جۇڭگونىڭ بىرىنچى ئىچىملىكى» ساختا تەشۋىقات ماجىراسى دېلوسىنىڭ ئاخىرى چىقتى، جادوباۋ 3 مىليون يۈەن تۆلەم تۆلەشكە ھۆكۈم قىلىندى
2015.07.29 15:34 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29 -ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:كۆپچىلىك دېققەت قىلىۋاتقان«جۇڭگونىڭ بىرىنچى ئىچىملىكى» سوغۇق چاي ساختا تەشۋىقات ماجىرا دېلوسىنىڭ نەتىجىسى چىقتى. بېيجىڭ شەھەرلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى 28-ئىيۇل ئېلان قىلغان خەۋەرگە قارىغاندا، بېيجىڭ شەھەرلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى بۇنىڭدىن ئىلگىرى بىرىنچى سوتتا چىققارغان ھۆكۈمنى ساقلاپ قالغان، بۇ ھۆكۈمدە جادوباۋ (جۇڭگو) شىركىتىنىڭ«جادوباۋ سوغۇق چېيى ئۇدا يەتتە يىل ‹جۇڭگونىڭ بىرىنچى ئىچىملىكى› شەرىپىگە ئېرىشتى» دېگەن ئېلان سۆزىنى ئىشلىتىشنى دەرھال توختىتىشى، بايانات ئېلان قىلىپ تەسىرىنى تۈگىتىشى كېرەك، دېيىلگەن. جادوباۋ (جۇڭگو) شىركىتى(تۆۋەندە قىسقارتىپ «جادوباۋ»دېيىلدى)، گۇاڭدۇڭ جادوباۋ شىركىتى (تۆۋەندە قىسقارتىپ«گۇاڭدۇڭ جادوباۋ» دېيىلدى) ،گۇاڭجۇ دورىگەرلىك گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ۋە گۇاڭجۇ ۋاڭلاۋجى ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى ئوقەتچىلىك چەكلىك شىركىتىگە جەمئىي 3 مىليون يۈەن تۆلەم تۆلەش بۇيرۇلدى.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر