باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ھازىر، مائاشلىق دەم ئېلىشنىڭ ئەمەلىيلىشىش نىسبىتى پەقەت ٪50 ئىكەن

2015.07.28 13:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا، بېيجىڭ مائاشلىق دەم ئېلىشنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى مەمۇرىي تەپتىش قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بېيجىڭدىكى دۆلەت ئىلكىدىكى مەلۇم كەسپىي ئورۇننىڭ خىزمەتچىسى چېن خانىم ناھايىتى ھاياجانلانغان ھالدا: «ناھايىتى ياخشى بولدى! ھۆكۈمەتنىڭ بۇ تەكشۈرۈشىنى بەك ئۈمىد قىلىمەن، بىز مائاشلىق دەم ئالالايدىغان بولدۇق!» دېدى.

  دۆلىتىمىزنىڭ «ئەمگەك قانۇنى»دا دۆلەتنىڭ مائاشلىق دەم ئېلىش تۈزۈمىنى يولغا قويغانلىقى ھەم «ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشلىق دەم ئېلىش نىزامى» ئېلان قىلغانلىقى بەلگىلەنگەن. لېكىن، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىما؛ىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ھازىر، مائاشلىق دەم ئېلىشنىڭ ئەمەلىيلىشىش نىسبىتى پەقەت ٪50 ئىكەن.

  دۆلەت ئىلكىدىكى مەلۇم بانكىنىڭ خىزمەتچىسى جاڭ خانىممۇ چېن خانىمغا ئوخشاش يىللىق دەم ئېلىشنى ئېلىشقا پېتىنالمىغان. ئۇ: «رەھبەر دەم ئالمىغان تۇرۇقلۇق، بىز خىجىل بولماستىن قانداق دەپ ئالالايمىز! ئەگەر، رەھبەرگە تىرىشچان ئەمەس، دېگەندەك تەسىر قالدۇرۇپ قويساق، كېيىن يۆتكىلىش، ئۆستۈرۈش ئىشلىرىدا ئاۋارىچىلىققا ئۇچرايمىز» دېدى. نۇرغۇن كارخانا، كەسپىي ئورۇنلاردا، بەلگىلىمە بويىچە دەم ئالغانلار «ھورۇن»، «كەسىپچانلىكى كۈچلۈك ئەمەس» دەپ قارىلىدۇ، شۇڭا، نۇرغۇن كىشى دەم ئالغۇسى بولسىمۇ، دەم ئېلىشقا پېتىنالمايدۇ. دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ئېلان قىلغان دوكلاتقا قارىغاندا، ٪42.4 ئىشچى-خىزمەتچىنىڭ «مائاشلىق دەم ئېلىشنى ئالماسلىقى ياكى تولۇق ئالماسلىقى»غا «دەم ئېلشىنىڭ ئىستىقبالىغا تەسىر كۆرسىتىشىدىن ئەندىشە قىلىشى» سەۋەب بولغان.

  يەنە بەزى ئەمگەكچىلەر ئۆزى دەم ئېلىشنى خالىمايدىكەن. ئاپتوموبىل سېتىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خۇاڭ ئەپەندى: «سېتىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىمەن، مائاشىمنىڭ كۆپ قىسمى پىرسەنت ئاجرىتىلغان ئىش ھەققى، كاپالەت مائاشىمىز ناھايىتى تۆۋەن، مائاشلىق دەم ئېلىشتىكى <مائاش> كاپالەت مائاشىنى كۆرسىتىدۇ، شۇڭا، دەم ئېلىشنى خالىمايمەن» دېدى.

  مەلۇم تاراتقۇ شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى سۈن خانىمنىڭ مائاشلىق دەم ئېلىشتىن ۋاز كېچىشىگە ئىلتىماس قىلىش رەسمىيىتىنىڭ ئاۋارىچىلىق ئىكەنلىكى سەۋەب بولغان. ئۇ: «دەم ئېلىش ئۈچۈن شىركەتكە دوكلات يازىمىز، تەستىقلىنىشى ناتايىن. دەم ئېلىشىمىز تەستىقلان تەقدىردىمۇ، خوجايىن دەم ئېلىش مەزگىلىمىزدە خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشى مۇمكىن» دېدى.

  يەنە بەزىلەر ئۆزىنىڭ مائاشلىق دەم ئېلىش ھوقۇقى بارلىقىنى بىلمەيدىكەن. بېيجىڭدا بۇلتۇر 1-ئايدىن باشلاپ ئامانلىق ساقلاش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان لى ئەپەندى: «ئىشلىگىنىمگە بىر يىلدىن كۆپرەك بولدى، مائاشلىق دەپ ئېلىش دېگەن ئىشنى ئاڭلاپ باقمىدىم. ئىش قىلمىساق كىم پۇل بېرىدۇ؟» دېدى. ئۇ چاغاندا بىر قانچە كۈن دەم ئالغاندىن سىرت، ئاساسەن يىل بويى، شۇنداقلا شەنبە، يەكشەنبە كۈندىمۇ دەپ ئالمىغان. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر