باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>2015-يىل>>ئاز سانلىق مىللەتلەر تەنھەرىكەت يىغىنى>>يېڭى خەۋەرلەر

10-نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ كوللېكتىپ تۈرى تۇنجى قېتىم خەنزۇ ماھىرلارغا ئېچىۋېتىلدى

2015.07.20 16:37   مەنبە: خەلق تورى

10-نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ كوللېكتىپ تۈرى تۇنجى قېتىم خەنزۇ ماھىرلارغا ئېچىۋېتىلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (ئالىم راخمان تەرجىمىسى) 19-ئىيۇل ئىچكى مۇڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى ئاچقان «10-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋىي تەنھەرىكەت يىغىنى تەييارلىق خىزمىتىدىن ئۇچۇر بېرىش يىغىنى»دا ئىگىلىنىشىچە، 31 ئۆلكە (شەھەر، ئاپتونوم رايون)، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى، ئازادلىق ئارمىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى ۋە تەيۋەن ۋەكىللەر ئۆمىكىدىن 6240 نەپەر تەنھەرىكەتچى 17 رىقابەت تۈرى ۋە 178 ئورۇنلاش تۈرىگە قاتنىشىدىغان بولۇپ، كۆلىمى مىسلىسىز چوڭ. بۇنىڭدىن باشقا، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋىي تەنھەرىكىتىنى تېخىمۇ راۋاجلاندۇرۇش ۋە تارقىتىش ئۈچۈن، تۇنجى قېتىم رىقابەت تۈرىدىكى كوللېكتىپ تۈرلەر ئورۇنلاش تۈرلىرى مەلۇم نىسبەت بويىچە خەنزۇ تەنھەرىكەتچىلەرگە ئېچىۋېتىلگەن. شۇڭا بۇ قېتىملىق تەنھەرىكەت يىغىنى مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا ئاز سانلىق مىللەتلەر تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ دائىرىسىدىن ھالقىپ، جۇڭگودىكى 56 مىللەتنىڭ ئورتاق «مىللىي تەنھەرىكەت يىغىنى» بولۇپ قالغان.

  ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى ساۋ يەنروڭ ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ مۇنۇلارنى دېدى: نۆۋەتتە ھەرقايسى مۇسابىقە مەيدانلىرىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە ئۆزگەرتىلىشى تاماملاندى، مۇسابىقىگە كېرەكلىك ھەرخىل ئۈسكۈنىلەرمۇ تەق بولدى. رېپىر تاللاش خىزمىتىمۇ تاماملاندى، قۇشۇمچە رېپىرلارنى مەشىقلەندۈرۈشمۇ ئاياقلاشتى. مۇسابىقە ئورۇنلاش پائالىيەتلىرى كۈنتەرتىپى تەييارلىنىپ بولدى. ئېردوس شەھىرى 35 ئورگاننىڭ ھەر قايسى ۋەكىللەر ئۆمىكى ۋە شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەنلىك مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىشىنى بېكىتتى ھەمدە يىغىنغا قاتنىشىدىغان خادىملارنىڭ تاماق، ياتاق قاتناش لايىھەسىنى يەنىمۇ ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، 18 مېھمانخانىنى كۈتۈۋېلىش خىزمىتىگە بەلگىلىدى. 12 مىڭدىن ئارتۇق كىشى پاتىدىغان تەنھەرىكەتچىلەر كەنچى ئىشلىتىلىشكە باشلىدى. 14 مىڭدىن ئارتۇق مۇسابىقە پىدائىيلىرى ئاساسىي تەربىيەلەش خىزمىتىنى تاماملىدى. مەركەزئ ھەرقايسى ئۆلكە-شەھەرنىڭ ئاساسلىق تاراتقۇلىرى، ئاپتونوم رايون ۋە ئېردوس شەھەرلىرىدىكى ئاساسلىق تاراتقۇلاردىن بولۇپ 800دىن ئارتۇق كىشى تەكلىپ قىلىندى. تەنھەرىكەت يىغىنى گېربى، قۇت بەلگىسى، باش تېما ناخشىسى ۋە ھەر تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى ئېلان قىلىندى.

  ساۋ يەنروڭ يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كۆرسەتمىلەرگە ئاساسەن تەييارلىق خىزمەتلىرىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەملىكىتىمىز ھەرمىللەت خەلقىگە بىخەتەر، ئىتتىپاق، تېجەشلىك، قىزغىن بولغان بىر نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر تەنھەرىكەت بەزمىسىنى سۇنۇشقا تىرىشىمىز.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·ئىچكىردىكى  شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نەتىجىسىنى ئۈچ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق تە…
      ·ﻳﯧﯖﻰ ﻛﯩﺘﺎﺏ 0 ﻧﻮﻣﯘﺭﺩﯨﻦ 100 ﻧﻮﻣﯘﺭﻏﯩﭽﻪ ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ
      ·نومۇر قوشۇپ بېرىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئارتۇقچىلىقنى يېتىلدۈرۈشكە ئىلھام بەرمەسلىك دېگەنلىك ئەمەس
      ·رۇسىيە «ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى»دا كېلەر يىلى خەنزۇ تىلى ئىمتىھانى تەسىس قىلىنىدۇ
      ·شىنجاڭ قوش تىل مائارىپى دۆلەتنىڭ 459مىليون يۈەنلىك مەبلىغىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىتى
      ·2015-يىلى ئىچكىردىكى شىنجاڭ ئوتتۇرا  كەسپىي تېخنىكوم سىنىپىغا تۇنجى قېتىم 50نەپەر پۇتبولدا ئالاھىدى…
      ·دۇنيادىكى داڭلىق مەكتەپلەر ياقتۇرىدىغان ئىختىساسلىقلارنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسى ئەڭ ياخشى بولۇپ كېتىشى …
      ·جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى 110ئالىي مەكتەپ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىدىكى 400كۈچلۈك ئالىي مەكتەپ قاتارىغا …
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ھەقلىق دەرس تولۇقلاش پاش قىلىش تېلېفون نومۇرىنى ئېلان قىلدى، ھەقلىق دەرس تولۇق…
      ·بۇ يىل شىنجاڭ ئىچى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلىرىگە 10500 ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىنىدۇ