باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خۇڭ شيۇجۇ جۇڭگو گومىنداڭ پارتىيەسىنىڭ 2016-يىللىق تەيۋەن رايونى رەھبىرى نامزاتى بولدى

2015.07.20 16:13         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو گومىنداڭ پارتىيەسى 19-ئومۇمىي قۇرۇلتىيى 3-يىغىنى 19-ئىيۇل تەيۋەن قانۇن چىقىرىش ئورگىنىنىڭ مۇئاۋىن مەسئۇلى خۇڭ شيۇجۇنى2016-يىللىق تەيۋەن رايونىنىڭ رەھبىرى نامزاتلىقىغا كۆرسىتىشنى ماقۇللىدى.

  خۇڭ شيۇجۇ رەسىمىي نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەندىن كېيىن، يىغىنىدا مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: رەھبەر بولۇپ سايلانسام، «1992-يىلى ھاسىل قىلغان ئورتاق تۇنۇش» ئاساسىدا، ئىككى قىرغاقنىڭ تىنچ تەرەققىياتىنى پۇختىلاپ، چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىلگىرى سۈرۈپ، پۈتۈن خەلقنىڭ ئىككى قىرغاقنىڭ تىنچلىقىدىن بەھرلەندۈرۈپ، ئىككى قىرغاقنىڭ سىجىل، مۇقىم بولغان تىنچ مۇھىت يارىتىشىغا تۈرتكە بولىمەن.

  گومىنداڭ پارتىيەسىنىڭ بىردىنبىر نامزاتى، تەيۋەن قانۇن چىقىرىش ئورگىنىنىڭ مۇئاۋىن مەسئۇلى خۇڭ شيۇجۇ 14-ئىيۇل ئۈچ ئەلرايىنى سىناش ئورگىنىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن قارىغاندا قوللاشقا ئېرىشىش نىسبىتى 46.203% بولۇپ، گومىنداڭ پارتىيەسىنىڭ 2016-يىللىق تەيۋەن رايونى رەھبىرىگە سايلىنىشتىكى ئەلرايى نىسبىتى بولغان 30% تىن ئېشىپ كەتكەن.

  گومىنداڭ مەركىزى دائىمىي كومىتېتى 17-ئىيۇل 2016-يىللىق تەيۋەن رايونى رەھبىرى سايلىمى نامزاتلىقىغا كۆرسىتىشنى ماقۇللىدى.2016-يىللىق تەيۋەن رايونى رەھبىرى نامزاتى سايلىمى 2016-يىلى 1-ئايدا ئۆتكۈزۈلىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر