باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى جاررېتنىڭ دالەيلامانىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەش پائالىيتىگە قاتناشقانلىقى توغرىسىدا مۇخبىرنىڭ سوئالغا جاۋاب بەردى

2015.07.14 17:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا تورى، بېيجىڭ، 13-ئىيۇل تېلېگراممىسى. دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ 13-ئىيۇل ئامېرىكا زۇڭتۇڭىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مەسلىھەتچىسىنىڭ دالەيلامانىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشقانلىقى توغرىسىدا مۇخبىرنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە: جۇڭگو بۇنىڭدىن قاتتىق نارازى ۋە قەتئىي قارشى تۇرىدۇ، دېدى.

  مۇخبىر: خەۋەر قىلىنىشىچە، زۇڭتۇڭ ئوبامانىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مەسلىھەتچىسى جاررېت 10-ئىيۇل نيۇيوركتا دالەيلامانىڭ 80 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشقان، جۇڭگو بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ؟

  خۇا چۈنيىڭ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا جۇڭگونىڭ كۆپ قېتىم مەسلىھەت بەرگەنلىكىگە پەرۋا قىلماي، يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارنى دالەيلاما بىلەن ئۇچرىشىشقا قەستەن ئورۇنلاشتۇردى، جۇڭگو بۇنىڭدىن قاتتىق نارازى ۋە قەتئىي قارشى تۇرىدۇ. جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ توسقۇنلۇق ۋە زىيانغا ئۇچرىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئامېرىكىنىڭ شىزاڭنىڭ جۇڭگونىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىش، «شىزاڭ مۇستەقىللىقى»نى قوللىماسلىق توغرىسىدا بەرگەن ۋەدىسىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، ھەقىقىي تەدبىر قوللىنىش ئارقىلىق ‎خاتالىقىنى تۈزىتىپ، ناچار تەسىرنى تۈگىتىپ، «شىزاڭ مۇستەقىللىقى» كۈچلىرىنى ھەر قانداق قولايلىق ۋە ياردەم بىلەن تەمىنلەشنى توختىتىشقا دەۋەت قىلىمىز. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر