باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئۈچ بۆلۈم ئەتكەس قىلىنغان «ۋاقتى ئۆتكەن گۆش»نى ئېلان قىلدى، 13 ئۆلكىدىكى بارلىق توڭلىتىپ ساقلاش ئامبارلىرى تەكشۈرۈلىدۇ

2015.07.13 13:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاشلىق ، دورا نازارەت باش ئىدارىسى، تامووژنا باش مەھكىمىسى، جامەئەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى 12-چېسلا ئەتكەس قىلىنغان توڭلىتىپ ساقلانغان گۆش مەھسۇلاتلىرىغا زەربە بېرىش، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشىنى تارقاتتى. ئۇقتۇرۇشتا بۇ يىلدىن بۇيان تاموژنا باش مەھكىمىسى ئالاقىدار بۆلۈملەر بىلەن بىرلىكتە پۈتۈن مەملىكىتىمىز بويىچە، ئەتكەس قىلىنغان توڭلىتىپ ساقلانغان مەھسۇلاتلارغا قاتتىق زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرغان بولۇپ، كۆپلىگەن ئەتكەش گۆش گۇروھىنى بىتچىت قىلغان. ئۇقتۇرۇشتا، بۇ يىل ئېنىقلانغان ئەتكەس قىلىنغان توڭلىتىپ ساقلانغان گۆش مەھسۇلاتلىرى ئىچىدە، بەزىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىلغىنىغا 4-5 يىل بولغان بولۇپ، تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان بارلىق ئەتكەس توڭلىتىپ ساقلانغان گۆش مەھسۇلاتلىرىنى تاموژنا ئىدارىسى بىردەك قانۇن بويىچە كۆيدۈرۋېتىدۇ.

  شىنخۇا تورى مۇخبىرىنىڭ يېقىندا ھەر قايسى جايلاردىكى تەكشۈرۈش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، بىر قىسىم ئۇنسۇرلار دېڭىز ترانسپورتى ئارقىلىق ئوغرىلىقچە ياكى تاموژنا تەسس قىلىنغان جايلاردىن ئەگىپ ئۆتۈپ كالا گۆشى، چوشقا پۇتى، توخو پۇتى قاتارلىق توڭلىتىپ ساقلاش مەھسۇلاتلىرىنى تاموژنىدىن ئەكىرگەن. بۇ توڭلىتىلغان ئەتكەس مەھسۇلاتلار كارانتىن قىلىنمىغان بولۇپ، بەزىلىرىنىڭ ۋاقتى ئۆتكەن، شۇنداقلا ساقلاش ۋە يۆتكەش شارائىتى ئىنتايىن ناچار بولۇپ، يىمەكلىك بىخەتەرلىك مەسىلىسى ئېغىر. (ھەبىبە ئىسمائىل تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر