باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى يىل ئىچىدە كەڭ بەلباغنىڭ ئېقىم مىقدارى ھەققىنى %30 تۆۋەنلىتىشكە ھەيدەكچىلىك قىلدى

2015.07.07 17:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن بەڭگۇڭتىڭى «يۇقىرى سۈرئەتلىك كەڭ بەلباغلىق تور قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، تور سۈرئىتىنى تېزلىتىش ۋە ھەققىنى تۆۋەنلىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر» نى ئېلان قىلغانغا بىر يېرىم ئايدا بولۇپ قالدى، مۇناسىۋەتلىك تارماقلار دۆلىتىمىزنىڭ كەڭ بەلباغلىق تورنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش جەھەتتە قانداق كونكېرىت تەدبىرلەرنى قوللاندى؟ تور سۈرئىتىنى تېزلىتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىشتە يەنە قانداق يارقىن نۇقتىلار بار؟ سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى 7-ئاينىڭ 6-كۈنى مەخسۇس ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، يۇقىرىقىدىكىلەرگە جاۋاپ بەردى.

  سانائەت ۋە ئۇچۇرلارشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىچىلىك تەرەققىياتى مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ۋېن كۇ چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: «مۇقىم كەڭ بەلباغنىڭ ھەققى جەھەتتە، ئىستاستېكىسى بار بولغان 165 دۆلەت ئىچىدە، مۇتلەق ھەق بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قاراپ رەتكە تۇرغۇزغاندا، جۇڭگو 79-ئورۇندا تۇرىدۇ، يەنى دۇنيانىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسى بىلەن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن تۆۋەن تۇرىدۇ، لېكىن تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن يۇقىرى. بۇ تۈرلۈك رەتكە تۇرغۇزۇشتا 2013-يىلىدىكى سانلىق مەلۇماتلار ئاساس قىلىندى، ئەينى چاغدا، مۇقىم كەڭ بەلباغنىڭ ھەققى جەھەتتە دۇنيانىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسى 49.2 دوللار، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ 59.4 دوللار، تەرەققى قىلغان دۆلەتلەرنىڭ 26 دوللار بولۇپ، جۇڭگونىڭ سانلىق مەلۇماتى (بېيجىڭدىن ئېلىنغان سانلىق مەلۇمات) بولسا 18 دوللار، لېكىن دۇنيا بانكىسىنىڭ سېتىۋېلىش كۈچى باھاسىغا سۇندۇرۇپ ھېسابلىغاندا 31.92 دوللار. مۇشۇنداق بولغاندىمۇ دۆلىتىمىز يەنىلا ئوتتۇرىھال ھالەتتىن سەۋەن تۆۋەن سەۋىيەدە تۇرىۋاتىدۇ».

  ئۇ مۇنداق دېدى: «شۇنداقتىمۇ ئىستىمالچىلارنىڭ ئۈمىدىن خېلى يىراقتا تۇرىۋاتىمىز. دۆلىتىمىزدىكى تېلېگراف كارخانىلىرى ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش، يېڭى تېخنىكا ئارقىلىق تەننەرخنى تۆۋەنلىتىش قاتارلىق جەھەتتە يەنە خېلى زور بوشلۇققا ئىگە. سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى كېيىنكى قەدەمدە، قەرەللىك ئىز قوغلاپ نازارەت-ھەيدەكچىلىك قىلىش مېخانىزمىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كارخانىلارنىڭ ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىپ، يىللىق تور سۈرئىتىنى تېزلىتىش ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە، يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن يان تېلېفون ئېقىم مىقدارى بىلەن مۇقىم كەڭ بەلباغنىڭ بىرلىك ئوتتۇرىچە ھەق سەۋىيەسىنى ئوخشاش مەزگىلىدىكىسىدىن %30 تۆۋەنلىتىش نىشانىغا يېتىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ئىستىمالچىلارنى ھەقىقىي نەپكە ئېرىشتۈرۈشكە تىرىشىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر