باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

كۈتۈنۈش كارتىسى «ئالاقە تورى+»غا قېتىلدى

2015.07.07 10:25        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ھازىرغىچە بانكا كارتىسى ئىقتىدارىغا ئىگە «بېيجىڭ ھەممىباب كارتىسى- كۈتۈنۈش، مىيىپلەرگە ياردەم بېرىش كارتىسى»(تۆۋەندە كۈتۈنۈش كارتىسى دەپ قىسقارتىلىپ ئېلىندى) يولغا قويۇلغىنىغا يېرىم يىل بولدى، بۇ كارتا يولغا قويۇلغىنىغا تۆت يىل بولغان قەغەز كۈتۈنۈش(مىيىپلەرگە ياردەم بېرىش) مۇلازىمەت بېلىتىنىڭ ئورنىنى ئالدى. ھۆكۈمەت 80 ياشتىن ئاشقانلار ۋە شەرتكە توشىدىغان مىيىپلەرگە ھەر ئايدا بېرىدىغان 100 يۈەن تولۇقلىما پۇلى ۋاقتىدا كارتىغا سېلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۇ يىل 5- ئايدا يەنە كۈتۈنۈش كارتىسى ئائىلە مۇلازىمىتى نۇسخىسىدىكى يۈرۈشلۈك يانفون APPسى يولغا قويۇلۇپ، كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى كەسپى «ئالاقە+»غا يۈزلەندۈرۈلدى. بۇ بېيجىڭنىڭ ئائىلىدە كۈتۈنۈشنىڭ ئاساسىي ئەندىزىسى بولۇپ قالىدىكەن، يەنى كۈتۈنۈش كارتىسىنى ئاساس، APP نى ۋاستە قىلىش ئارقىلىق، كۈتۈنۇش مۇلازىمىتى كەسپىنىڭ تارقاق ئۇچۇرلىرى توپلىنىپ، زور سانلىق مەلۇماتلار ئۈنۈملۈك مۇلازىمەت ئۇچۇرىغا ئايلاندۇرۇلۇپ، ياشانغانلار بىلەن كۇتۈنۈش مۇلازىمىتى تەمىنلىگۈچى كارخانىلار ئارىسىدىكى ئېھتىياج ئۈنۈملۈك تۇتاشتۇرۇلىدۇ.

  كۈتۈنۈش كارتىسى ۋە APP ئارقىلىق ياشانغانلار كارتىدىكى ئالاقىدار ئۇچۇرلار ۋە ئەتراپىدىكى كۈتۈنۈش مۇلازىمەت ئورۇنلىرىنى تەكشۈرۈپ بىلەلەيدۇ، مەسىلەن ئوزۇق-تۈلۈك، تۇرار جاي ۋە يۈرۈش-تۇرۇش، مەدەنىيەت، كۆڭۈل ئېچىش، تىببىي دورا، داۋالىنىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ھەم قۇشۇمچە ئېتىبار بېرىش ئۇچۇرلىرىنىمۇ كۆرەلەيدۇ. كەلگۈسىدە يەنە APP ئارقىلىق قەيەردە كۈتۈنۈش كارۋىتى بوش بارلىقى ، ياشانغانلار ئۈچۈن تۈزۈلگەن ساياھەت، ئائىلە مۇلازىمەتچىلىرى چاقىرىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەردىن بەھرىمان بولالايدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر