باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

كادىرلارنى تاللاپ ۋەزىپىگە قويۇش جەريانى تېخىمۇ قاتتىق بولىدۇ

2015.07.07 10:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كادىر جايىدا تاللاپ ئۆستۈرۈشتە، تەكلىپ، نامزات قىلىش قېلىپلاشقان، ئېنىق بولۇشى كېرەك. بۇ يىلنىڭ بېشىدا سىچۈەن تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبىرىي كادىرلىرىنى تاللاپ ئۆستۈرۈپ خىزمەتكە تەكلىپ قىلىشى چارىسىدە كادىرلارنى تەكلىپ قىلىش، نامزاتلىققا كۆرسىتىشتە «ئەمەل سانىنى ئېنىقلاش، قۇرۇلمىسىغا قاراش، ئومۇميۈزلۈك سېلىشتۇرۇپ تاللاش، ئىپادىسىنى تەكشۈرۈش، پاك دىيانەتلىكلىكىنى ئىگىلەش»نى كۈچەيتىش بەلگىلەنگەن. «بۇنىڭدىن بىرى ئورۇندالمىسا، بەلگىلەنگەن ھەرىكەت ئەمەلىيلەشمەيدۇ.» سىچۈەن ۋاڭچياڭ ناھىيەلىك پارتكوم، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ۋڭ ئېرمىي:بۇ چارە جايلارنىڭ كونكىرت مەشغۇلاتىدا يېتەكچىلىك رولىنى ئوينايدۇ.

  دېياڭنى مىسالغا ئالساق، دېياڭ يەنىمۇ چارە تۈزۈپ، تەكلىپ قىلىش، نامزاتلىققا كۆرسىتىشنىڭ پارتكوم(پارتگۇرۇپپا) ياكى تەشكىلات كادىرلار بۆلۈمىنىڭ رەھبەرنىڭ تونۇشتۇرۇشىنى نامزات دەپ بىلىپ قىلىشتىن ساقلىنىشىغا تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يۇقىرى دەرىجىلىك تەشكىلات كادىرلار بۆلۈمىغا نامزات كۆرسىتىشتە كادىرلارنى ئادەتتىكى باھالاش، يىللىق باھالاش بىلەن ئىپادىسىنى ئۇنىۋېرسال باھالاش كوللىكتىپنىڭ مۇزاكىرە قىلىشى ئارقىلىق قارار قىلىنىدۇ.

  پەنشيەن ناھىيەلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ يۈن مۇنداق دېدى:«گۈيجۇ پەنشيەن ناھىيەسى يەنە دېمۇكراتىك كۆرسىتىش، ئىمزا قويۇش، بارماق بېسىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، كادىرلارنى كۆرسىتىش مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتتى. «بارماق بېسىپ ئىسپات بېرىش، يەنى ئىمزا قويۇپ ئىسپات بېرىشتۇر، دېمۇكراتىك كۆرسىتىشتە ئايرىم سۆزلىشىپ كۆرسىتىش بىلەن تەكشۈرۈش جەريانىدا ئايرىم سۆزلىشىپ پىكىر ئلىش ئوخشىمايدىغان ئىككى ھالقا بولۇپ، تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ۋە كۆرسىتىلگەن كىشى قوش يۆنىلىشلىك ئىمزا قويۇپ ئىسپات بېرىش تەرتىپى قوللىنىلىدۇ.»پەنشيەن ناھىيەلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى تاڭ شيۇۋمېي مۇنداق دېدى: تۇنۇشتۇرۇلۇشىچە، تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى خاتىرىلەنگەن مەزمۇننى سۆزلىشىلىدىغان كىشى بىلەن يۈزلەشتۈرمەيدىكەن، بۇنىڭدا ئىككى ئەھۋال كۆرۈلىدىكەن. بىرى سۆزلىشىلىدىغان كىشى تەكشۈرۈش خاتىرىسىنىڭ راستلىقىدىن گۇمانلىنىدىكەن، سۆزلىشىلىدىغان كىشى يالغان ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىشى مۇمكىن ئىكەن، مەسئۇلىيەتنى ياندۇرۇپ سۈرۈشتۈرگەندە، دېگەن گېپىدىن تىنىۋالىدىكەن.

  ۋاڭ يۈن مۇنداق دېدى: قوش يۆنىلىشلىك ھەقىقى نامى بىلەن ئىمزا قويۇپ ئىسپات بېرىش ئىلگىرىكى «كۆرسىتىش، سۆزلىشىش بىلەن ئىش تامام» بولىدىغان ئەندىزە ئۆزگىرىپ، قاتتىق تەلەپ قويۇلىدىغان كادىر كۆرسىتىش خىزمىتى «ئۆزى بىلەن مۇناسىۋەتلىك» كادىر كۆرسىتىش خىزمىتىگە ئايلاندى، چەكلىمىگە ئۇچرايدىغان مەخپىي كۆرسىتىش تەشكىلنىڭ نازارىتىدىكى «يېرىم ئاشكارا» كۆرسىتىشكە ئۆزگەردى، بۇ كادىرلارنى تاللاپ ئۆستۈرۈش تەرتىپىنىڭ ئاشكارا، ئادىل بولۇشىغا پايدىلىق. شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر