باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئەدلىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدا ئۈنۈم كۆرۈنەرلىك بولدى

2015.07.06 11:39         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2 - ئىيۇل ، « تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ جامائەت پاراۋانلىقى ئەرزىيەت ئىسلاھات سىناق لايىھەسى » رەسمىي ئېلان قىلىندى. بۇنىڭ بىلەن ئىجتىمائىي جامائەت مەنپەئەتىنىڭ قايتا زىيانغا ئۇچرىماسلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى . جامائەت پاراۋانلىقى ئەرزىيەت ئىسلاھاتى ئەدلىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنىڭ بىر ئىخچام كۆرۈنۈشى . 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيان ، مەركەزنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى ئارقىسىدا، بىر تۈركۈم تەسىر كۈچكە ئىگە ئىسلاھات تەدبىرلىرى ئارقا - ئارقىدىن ئېلان قىلىندى، بىر تۈركۈم زور ئىسلاھات سىنىقى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىلدى ، بىر تۈركۈم قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى ئىسلاھات تۈرلىرى مۇھاكىمە قىلىنىپ دەلىللەنمەكتە. بۈگۈنكى كۈندە، ئىسلاھات ھۆججەتلىرىنىڭ كەينى-كەينىدىن بارلىققا كېلىشىگە ئەگىشىپ، سىناق قىلىنغان ئۆلكىلەرنىڭ ئىسلاھات مۇقەددىمىسى باشلاندى، مەركەزدىن تارتىپ جايلارغىچە ، ئەدلىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ئوڭۇشلۇق ئالغا ئىلگىرلىمەكتە .

  شاڭخەيدە مەھكىمە باشلىقلىرى ۋە باش تەپتىشلەرنىڭ « ھوقۇق تىزىملىكى »نى باشقۇرۇش تۈزۈمى شاڭخەي شەھەردىكى بارلىق ئەدلىيە ئورگانلىرىدا ئومۇملاشتۇرۇلدى. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، تەپتىش كومىتېتى ، باش تەپتىش ۋە تەپتىشلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش جەريانىدا ، باش تەپتىشىنىڭ مەسئۇلىيىتى ئەسلىدىكى 50 نەچچە تۈردىن 17 تۈرگە ئازايتىلغان.

  2015-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى 1 - سەييارە سوت كوللېگىيىسى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شېنجېن شەھىرىدە ۋىۋىسكا ئېسىپ قۇرۇلدى . ئارقىدىن ، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ 2-سەييارە سوت كوللېگىيىسى لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ شېنياڭ شەھىرىدە ۋىۋىسكا ئېسىپ قۇرۇلدى، سەييارە سوتلاش رايونى لياۋنىڭ ، جىلىن ، خېيلۇڭجياڭ ئۈچ ئۆلكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . كىشىلەر چوڭ ئۈمىد باغلىغان سەييارە سوت كوللېگىيىسىنىڭ تىجارەت باشلىشى- ئەدلىيە ئىسلاھاتنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە تەسىر كۆرسىتىش، ئەدلىيە ھوقۇقىنى تەقسىملەشنى سەرخىللاشتۇرۇشنىڭ ئاچقۇچلۇق تىرەك نۇقتىسى .

  مەركەز ئەدلىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى : ئەدلىيە خادىملىرىنى تۈرگە ئايرىپ باشقۇرۇش قاتارلىق ئۇل خاراكتېرلىك تەدبىرلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش-ئەدلىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ پۈتۈن جەريانىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئەدلىيە قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىشنى جۇڭگونىڭ دۆلەت ئەھۋالىنى ئاساس قىلىش بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئەدلىيە ئادىللىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان ، ئەدلىيە ئىقتىدارىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان چوڭقۇر قاتلاملىق مەسىلىلەرنى تىرىشىپ ھەل قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ئەدلىيە تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر