باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مۇنەۋۋەر ناھىيەلىك پارتكوم شۇجىلىرى دەۋر قىيىن مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ماھىرى بولۇپ قالدى

2015.07.06 11:37         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  :جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمى 30-ئىيۇن 102 ناھىيە، شەھەر، رايون، خوشۇنلۇق پارتكوم شۇجىسىنى تەقدىرلەپ، ئۇلارغا «مەملىكەتلىك مۇنەۋۋەر ناھىيەلىك پارتكوم شۇجىسى» دېگەن نامنى بەردى. شۇ كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۇلار بىلەن كۆرۈشتى. يېقىندا ھەر قايسى تاراتقۇلار ئۇلارنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى بەس-بەستە خەۋەر قىلىش جەريانىدا، ئۇلارنىڭ ئەمەلىي ئىشلەپ، سەپنىڭ ئالدىدا ماڭغانلىقى، ھەممىسىنىڭ قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ماھىرلىرى ئىكەنلىكى، قەلبىگە پارتىيە، خەلق، مەسئۇلىيەتنى پۈكۈپ، خاتالىقلاردىن پەخەس بولۇشنىڭ ئۇلارنىڭ ئىنتىلىشى ئىكەنلىكىنى بايقىدى.

  شەندۇڭ ئۆلكىسى تەيئەن شەھىرى دەييۆ رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ يوڭجېڭ رايوننى تەرتىپكە سېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دەييۆ رايونىغا قاراشلىق يېزا-بازار ۋە تەرەققىيات باغچىلىرىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ، بايلىقتىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش ۋە بىر تۇتاش تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇردى.

  شەنشى ئۆلكىسى فۇشيەن ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى فېڭ جېندوڭ يەرلىكنىڭ يېزا ئىگىلىكىنىڭ خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى ئاجىز بولۇش ئالاھىدىلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، يەر ئوبوروت قىلىش، ئېچىش سىنىقىنى يولغا قويۇپ، تۈجۈپىلەشكەن ئىشلەپچىقىرىشنى ئىلگىرى سۈردى.

  يەنە نۇرغۇن مۇنەۋۋەر ناھىيەلىك پارتكوم شۇجىلىرى مەلۇم مۇھىم ئىش، مەلۇم روھ سەۋەبىدىن مەنىۋىيەت ئۈلگىلىرىگە ئايلاندى.

  خېنەن ئۆلكىسى لەنكاۋ ناھىيەلىك پارتكومنىڭ ھازىرقى شۇجىسى ۋاڭ شىنجۈن ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، ئامما ئارىسىغا بېرىپ، يەرلىكنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا كۈچ چىقىرىپ، «ئەمەلدار بولۇشتىن مەقسەت خەلققە نەپ يەتكۈزۈش» دېگەن جياۋ يۈلۇ روھىغا ۋارىسلىق قىلدى ۋە نۇرلاندۇردى.

  خۇبېي ئۆلكىسى خوڭئەن ناھىيەسى-خۇاڭما قوزغىلىڭى پارتلىغان جاي، كونا ئىنقىلابىي تايانچ بازىدىكى ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان يۈ شۆۋۇ ئىنقىلاب روھىنى نۇرلاندۇرۇش ۋە كونا ئىنقىلابىي تايانچ بازىنى نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇشتىن ئىبارەت قوش مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالدى.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى كۇچا ناھىيەسىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى ساقلاش ئالدىنقى سېپىدە، ناھىيەلىك پارتكوم شۇجىسى ياڭ فاسېن كەسكىن ۋەزىيەتتە ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق بىلەن كۈرەش قىلىپ، دۆلەتنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداشتىكى مەجبۇرىيەت ئېڭىنى گەۋدىلەندۈردى.

  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر