باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىز ئايرودۇرۇم ئىقتىسادتا ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرىدۇ

2015.07.06 11:36         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ 3-ئىيۇل دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئۇقۇشىچە، ئايرودۇرۇم ئىقتىساد رايونىنىڭ تەرەققىياتىغا يەنىمۇ تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، ئېلىمىز قىسمەن جايلارنى تاللاپ، ئايرودۇرۇم ئىقتىسادتا ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى سىنىقىنى قانات يايدۇرىدىكەن.

  تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى ئېلان قىلغان پىكىرگە ئاساسەن، ئايرودۇرۇم ئىقتىسادتا ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى-ئايرودۇرۇم ئىقتىساد ئۇنىۋېرسال سىناق رايونى، ئاۋىياتسىيە ئىقتىسادتا ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئايرودۇرۇم ئىقتىسادتا ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇش-رايون تەرەققىياتىنىڭ ئومۇمىي ئىستراتېگىيەسى، يېڭىچە شەھەر-بازارلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەسى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىيات بوشلۇقىنى سەرخىللاشتۇرۇش ئەندىزىسىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ، بۇنى پىرىنسىپ جەھەتتىن مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر، ئۆلكە مەركىزىي شەھەرلىرى، ئايرىم پىلان يولغا قويۇلىدىغان شەھەرلەر ياكى باشقا رايون ئەۋزەللىكى بولغان، ئوبوروت قولاي، ئېچىۋېتىشچان ئىقتىسادىي تەرەققىيات سەۋىيەسى بىر قەدەر يۇقىرى چوڭ شەھەرلەر ئورۇنلاشتۇرىدۇ.

  پىكىردە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئايرودۇرۇم ئىقتىسادتا ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى بوشلۇق تەرەققىيات ئەندىزىسىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، رايون تەڭكەش تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى؛ ئاۋىياتسىيە تۈگۈن قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆتۈشمە قاتناش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشى؛ ئەۋزەل، ئالاھىدە كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىلغار كەسىپ سىستېمىسىنى ئورنىتىشى؛ ئېچىۋېتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، رايون تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشى؛ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق ئايلانما تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر