باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىز ھاۋارايى ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش ئاپەتنى ئازايتىش تەشۋىقاتى پىدائىيلىرى جۇڭگو سەپىرى پائالىيىتىنى باشلىدى

2015.07.06 11:35         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۈنۈگۈن ئۆتكۈزۈلگەن « 2015 - يىللىق ھاۋارايى ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش ئاپەتنى ئازايتىش تەشۋىقاتى پىدائىيلىرى جۇڭگو سەپىرى پائالىيىتى»نى باشلاش مۇراسىمىدا ، ئېلىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن 11 ئالىي مەكتەپنىڭ 2000 دىن كۆپرەك ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىسىنىڭ يازلىق تەتىلدە ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا بېرىپ ھاۋارايى ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش ، ئاپەتنى ئازايتىش بويىچە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقاتى ئېلىپ بارىدىغانلىقى جاكارلاندى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە ، 7-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن 8-ئاينىڭ باشلىرىغىچە، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، نەنجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، جۇڭشەن ئۇنىۋېرسىتېتى، لەنجۇ ئۇنىۋېرسىتېتى ، چېڭدۇ ئۇچۇر قۇرۇلۇشى ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق 11 ئالىي مەكتەپنىڭ ھاۋارايى ۋە ئۇنىڭ ئالاقىدار كەسىپلەردىن كەلگەن 2000 دىن كۆپرەك ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچى پىدائىي 200 تەشۋىقات كىچىك شۆبە ئەترىتى تەشكىللەپ ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرقايسى ئۆلكىلەردىكى يېزا ، ئوتتۇرا ، باشلانغۇچ مەكتەپلەر ، شەھەر - بازار ، مەھەللە ، كارخانا ، كەسپىي ئورۇنلار قاتارلىق جايلارغا بېرىپ ، تەيفېڭ بورىنى ، قارا يامغۇر ( قار ) ، جۇدۇن ، بوران ( قۇم بوران ) ، تۆۋەن تېمپېراتۇرا ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ، قۇرغاقچىلىق ، چاقماق ، مۆلدۈر ، ئۈششۈك ، تۇمان ۋە تۈتەك قاتارلىق ھەر خىل ھاۋا رايى ئاپىتى ۋە لاتقا - شېغىللىق ئېقىن ، قىيان قاتارلىق ئەگەشمە ئاپەتتىن ئالدىن ئاگاھلاندۇرۇش ۋە مۇداپىئەلىنىش ساۋاتلىرىنى، ھاۋارايى ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش نىزامى »نى تەشۋىق قىلىدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر