- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئېلىمىز ھازىرقى زامان شاگىرتلىق تۈزۈمى سىنىقىنى رەسمىي باشلىدى
2015.07.06 11:34 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 5-ئىيۇل بېيجىڭ خەۋىرى: بۇ يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ، مائارىپ مىنىستىرلىقى 100 دىن ئارتۇق ھازىرقى زامان شاگىرتلىق تۈزۈمى سىنىقى ئېلىپ بارىدىغان ئورۇننى ئېلان قىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن سىناق خىزمىتى رەسمىي باشلىنىدۇ.
شاگىرتلىق تۈزۈمى-كەسىپلەر بىلەن مائارىپنى بىرلەشتۈرۈش، مەكتەپلەر بىلەن كارخانىلارنىڭ ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، كەسپىي مائارىپ ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە يېڭىلىق يارىتىشتىكى بىر خىل مۇھىم شەكىل . خەلقئارا جەمئىيەتتە ، ھازىرقى زامان شاگىرتلىق تۈزۈمى ياشلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئۈنۈملۈك ۋاسىتىسى، خەلقئارا كەسپىي مائارىپ تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم يۈزلىنىشىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. گېرمانىيە ، ئەنگلىيە ، ئاۋسترالىيە ، يېڭى زېللاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ھازىرقى زامان شاگىرتلىق تۈزۈمىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ ، ئۆزلىرىنىڭ تەجرىبىلىرى ۋە تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈردى . يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان ، شاگىرت تەربىيەلەش -ئىزچىل تۈردە تېخنىكا ئىقتىدارىغا ئىگە ئىختىساسلىق خادىملارنى يېتىشتۈرۈشنىڭ مۇھىم يوللىرىنىڭ بىرى بولۇپ كەلدى.
مائارىپ مىنىستىرلىقى كەسپىي مائارىپ ۋە چوڭلار مائارىپى مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ ياڭنەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى :بۇ يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا مائارىپ مىنىستىرلىقى سىناق تىزىملىكىنى ئېلان قىلىدۇ . جايلارنىڭ مەلۇم قىلىش ئاكتىپلىقى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ ، سىناق قىلىشقا مەلۇم قىلغان ئورۇنلار 1100دىن
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر