باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەت بويىچە تۆمۈريول سىستېمىسى يېڭى قاتناش خەرىتىسى بويىچە يازلىق توشۇشنى باشلىۋەتتى

2015.07.02 16:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1-ئىيۇل تېلېگراممىسى. مۇخبىرنىڭ جۇڭگو تۆمۈريول باش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 1-ئىيۇل ۋاقىت نۆلدىن باشلاپ، مەملىكەت بويىچە تۆمۈريول سىستېمىسى يازلىق توشۇشنى باشلىدى، يېڭىدىن تۈزۈلگەن قاتناش خەرىتىسى ۋە يازلىق تەتىللىك توشۇش خەرىتىسى رەسمىي يولغا قويۇلغان. يېڭى قاتناش خەرىتىسى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، مەملىكەت بويىچە تۆمۈريول سىستېمىسى يولوچىلار پويىزىدىن 2844.5 جۈپ ئورۇنلاشتۇرغان، بۇنىڭ ئىچىدە يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز 1696 جۈپ بولۇپ، ئەسلىدىكى قاتناش خەرىتىسىگە قارىغاندا 97 جۈپ پويىز كۆپەيتىلگەن.

  ئىگىلىنىشىچە، 2015-يىلدىكى يازلىق تەتىللىك توشۇش ۋاقتى 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 8-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە بولۇپ، جەمئىي 62 كۈنكەن. يازلىق تەتىللىك توشۇش مەزگىلىدە، دائىملىق قاتنايدىغان يولوچىلار پويىزىدىن باشقا، ھەرقايسى تۆمۈريول تارماقلىرى يەنە تۆمۈريول ئىدارىسىدىن ھالقىپ ئوتتۇرا، ئۇزۇن مۇساپىلىق يولوچىلار پويىزىدىن يەنە 26 جۈپنى ئورۇنلاشتۇرغان، يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز، يولوچىلار پويىزى مەخسۇس لېنىيەسىدە يۇقىرى پەللىدە توشۇش خەرىتىسىنى يولغا قويىدىكەن. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر