باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 12- نۆۋەتلىك دائىمىي كومىتېتىنىڭ 15- قېتىملىق يىغىنى يېپىلدى

2015.07.02 16:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يىغىندا دۆلەت خەۋپسىزلىك قانۇنىغا ئاۋاز بېرىپ ماقۇللاندى

  شى جىنپىڭ ئىمزالىغان رەئىسى پەرمانى ئېلان قىلىندى ئاساسىي قانۇن بويىچە قەسەم بېرىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى قارار قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى جاڭ دېجياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 12- نۆۋەتلىك دائىمىي كومىتېتىنىڭ 15- قېتىملىق يىغىنى 1- ئىيۇل بيېجىڭ خەلق سارىيىدا يېپىلدى. يىغىندا دۆلەت خەۋپسىزلىك قانۇنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئىمزالىغان 29- نۇمۇرلۇق رەئىس پەرمانى ئېلان قىلىندى. كومىتېت باشلىقى جاڭ دېجياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەردىن 155 كىشى يىغىنغا قاتناشتى، يىغىنغا قاتناشقانلار قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن كېلىدۇ.

  يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئاساسىي قانۇن بويىچە قەسەم بېرىش تۈزۈمى توغرىسىدىكى قارارى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە قىسمەن رايونلاردا جامائەت ئەيىپلەشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشقا ھوقۇق بېرىش توغرىسىدىكى قارار قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى.

  يىغىندا يەنە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ «يېڭى تەرەققىيات بانكىسى قۇرۇش كېلىشىمى» ،«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى- قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ جازا ھۆكۈم قىلىنغانلارنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىش شەرتنامىسى»،«كۆپ تەرەپلىك باج باشقۇرۇش، ئۆزئارا ياردەملىشىش شەرتنامىسى»نى تەستىقلاش توغرىسىدىكى ئۈچ قارار قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى.

  يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مەركەزنىڭ 2014- يىللىق نەقچوتىنى تەستىقلاش توغرىسىدىكى قارالمىسى قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى، مەركەزنىڭ 2014- يىللىق نەقچوتى تەستىقلاندى. يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋەكىل سالاھيىتىنى تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ بەزى ۋەكىللەرنىڭ سالاھىيىتى توغرىسىدىكى دوكلاتى قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر