- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى «پىكىر» تارقىتىپ، سوت مەھكىمىسى رەھبەرلىرىنىڭ كادىر-ساقچىلار بىلەن ھەر يىلى ئاز دېگەندە ئىككى قېتىم سىردىشىشىنى تەلەپ قىلدى
2015.07.01 15:20 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:يېقىندا، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى تارقاتقان«سوت مەھكىمىسى رەھبەرلىرىنىڭ كادىر-ساقچىلار بىلەن سىردىشىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»(تۆۋەندە قىسقارتىپ «پىكىر» دېيىلىدۇ) دە، سوت مەھكىمىسى رەھبەرلىرىنىڭ كادىر-ساقچىلار بىلەن سىردىشىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا ئېنىق تەلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
«پىكىر» دە سىردىشىش ئادەتتىكى« بىرگە بىر» ئۇسۇلدا ئايرىم پاراڭلىشىش ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى، ئېھتىياجغا قاراپ «بىرگە كۆپ» « كۆپگە كۆپ» كوللېكتىپ سۆھبەت ئۆتكۈزش ئۇسۇلى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزسىمۇ بولىدىغانلىقى بەلگىلەندى. «پىكىر» دە يەنە ھەر دەرىجىلىك سوت مەھكىمىسى رەھبەرلىرى كادىر-ساقچىلار بىلەن ھەر يىلى ئاز دېگەندە ئىككى قېتىم سىردىشىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشى، سوت مەھكىمىسىدىكى تارماقلارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلى ھەر يىلى ئۆز تارمىقىدىكى كادىر-ساقچىلار بىلەن ئاز دېگەندە ئىككى قېتىم سىردىشىش كېرەكلىكى، سىردىشىشنى كادىر – ساقچىلار كۆپ بولغان تارماقلار شۇ تارماق مەسئۇلى بىلەن بىرلىكتە ئورۇندايدىغانلىقى تەلەپ قىلىندى.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر