باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تەيۋەننىڭ شىنبېي شەھىرىدىكى سەككىز ئەۋلىيا باغچىسىدا چاڭ-توزانلىق پارتلاش يۈز بېرىپ 474 ئادەم يارىلاندى

2015.06.29 12:27   مەنبە: مەركىزى تېلېۋىزىيە تورى

تەيۋەننىڭ شىنبېي شەھىرىدىكى سەككىز ئەۋلىيا باغچىسىدا چاڭ-توزانلىق پارتلاش يۈز بېرىپ 474 ئادەم يارىلاندى

  تەيۋەننىڭ شىنبېي شەھىرىدىكى سەككىز ئەۋلىيا باغچىسىدا 27-ئىيۇن كەچ ئۆتكۈزۈلگەن ھەسەن- ھۈسەن يىغىلىشىدا ئوت كېتىپ، چاڭ - توزانلىق پارتلاش يۈز بېرىپ 474 ئادەم يارىلانغان، بۇنىڭ ئىچىدە چوڭ قۇرۇقلۇقتىن بارغان ئۈچ ئادەم بار ئىكەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ شىنبېي شەھىرىدىكى ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش تارىخىدا كۆرۈلگەن يارىلانغانلار سانى ئەڭ كۆپ بولغان بىر قېتىملىق ھادىسە ئىكەن .

  مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغانلار ئىچىدە قازا قىلغانلار يوق ئىكەن.

  شىنبېي شەھەرلىك سەھىيە ئىدارىسىنىڭ 28- ئىيۇن سەھەر سائەت 4:00 گىچە قىلغان ئىستاتىستىكىسىدا قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى بىلەن دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغان ۋە دوختۇرخانىغا ئۆزى بارغان يارىدارلارنىڭ سانى 431 غا يەتكەنلىكى كۆرسىتىلگەن ، بۇ سان داۋاملىق كۆپىيىشى مۇمكىنكەن ، بۇنىڭدىن باشقا يەنە نۇرغۇن ئېغىر يارىدارلار دوختۇرخانىدا كۈزىتىلىۋېتىپتۇ.

  ساقچى تەرەپ 27- ئىيۇن كېچىدە ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيداندىن رەڭلىك چاڭ - توزان چاچقان ئىككى نەپەر خىزمەتچى خادىمنى تۇتۇپ كەتكەن ، كېيىن يەنە بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن ئادەم كېچىلەپ سوراق قىلىنغان ھەمدە نەق مەيداندا پائالىيەتكە مەسئۇل خادىم لۈ جۇڭجى، نەق مەيداندا ئۈسكۈنىلەرگە مەسئۇل خادىم چيۇ بومىڭ، ئالاھىدە خادىم لياۋ جۈنمىڭ قاتارلىقلارمۇ سەھەر سائەت 3 دە ساقچى ئىدارىسىغا ئېلىپ بېرىلغان.

  شىنبيې شەھىرىنىڭ باشلىقى جۇ لىلۇن 27-ئىيۇن كەچتە سەككىز ئەۋلىيا باغچىسىنىڭ دەرھال تىجارەت توختىتىشىنى تەلەپ قىلغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتۇش ئىسلاھاتى: ئاسپرانتلار ئوقۇشنى ئۈچ يىل توختىتىپ ئىگىلىك تىكلىسە بولىدۇ
      ·2015- يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكى ئېلان قىلىندى
      ·ئۆزبېكىستاندا 1400 كىلوگىرامدەك تۈرلۈك زەھەرلىك بۇيۇم كۆيدۈرۈلدى
      ·بېيجىڭدا يەنە 39 قانۇنسىز مەكتەپ بايقالدى
      ·ئىچكىردىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى 20-ئىيۇن باشلىنىدۇ،2015-يىل…
      ·شىنجاڭدىكى 23 نەپەر مېيىپ ئوقۇغۇچىنىڭ ئىمتىھان ۋاقتىنى ئۇزارتىشقا رۇخسەت قىلىندى 
      ·ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشتى
      ·شىنجاڭ 24-ئىيۇن ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى ئېلان قىلىدۇ، 26-ئىيۇن ئەتراپىدا ھەر قايسى تۈركۈمنىڭ…
      ·ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى 7-ئىيۇن باشلىنىدۇ، 9مىليون420مىڭ ئوقۇغۇچى ئىمتىھانغا تىزىملاتقان
      ·مەكتەپ مۇدىرلىرى بىلەن ئوقۇتقۇچىلار ئالمىشىپ ئىشلەيدۇ