نېپال پايتەختى كاتماندودا شۇ يەر ۋاقتى 2015-يىلى 25-ئىيۇن نېپال ھۆكۈمىتى ئۇيۇشتۇرغان نېپالدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش بويىچە خەلقئارالىق يىغىن ئېچىلدى. جۇڭگو، ھىندىستان، نورۋېگىيە، ياپونىيە، ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئامېرىكا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق 50 تىن ئارتۇق دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلاردىن كەلگەن ۋەكىللەر يىغىنغا قاتناشتى. جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ۋاڭ يى يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە جۇڭگو ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن ئاپەتتىن كېيىن نېپالنى قايتا قۇرۇش ئومۇمىي لايىھەسىگە قاتنىشىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.