باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنىستىرلىقى قاتارلىق تارماقلار قالايمىقان مەكتەپ باشقۇرۇش، قالايمىقان ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش، قالايمىقان ھەق ئېلىش قاتارلىق ھادىسىلەرنى قەتئىي توسۇشنى تەلەپ قىلدى

2015.06.18 16:29         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مائارىپ مىنىستىرلىقى، دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقى، ئىقتىسادىي تەپتىش مەھكىمىسى، دۆلەتلىك ئاخبارات، نەشرىيات، رادىيو، كىنو، تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى يېقىندا بىرلىشىپ پىكىر چىقىرىپ، دەرس تولۇقلاش نامى بىلەن قالايمىقان ھەق ئېلىش، مەكتەپ تاللاش نامى بىلەن قالايمىقان ھەق ئېلىش، بەلگىلىمىگە خىلاپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش، مەكتەپ ئالماشتۇرۇش قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەقىقىي ھەل قىلىپ، قالايمىقان مەكتەپ باشقۇرۇش، قالايمىقان ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش، قالايمىقان ھەق ئېلىش ھادىسىلىرىنى قەتئىي توسۇشنى تەلەپ قىلدى. پىكىردە ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا دەرس تولۇقلاش ۋە قالايمىقان ھەق ئېلىش مەسىلىسى كۆزدە تۇتۇلۇپ: بۇ ئىشلارنى نۇقتىلىق تۈزەش ھەمدە ئۆلكە دەرىجىلىك بىرلىك قىلىنغان ھالدا مەركەزلىك تۈزەش كېرەك، دەپ تەكىتلەندى. پىكىردە مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپ تاللاش مۇناسىۋىتى بىلەن قالايمىقان ھەق ئېلىش مەسىلىسى كۆزدە تۇتۇلۇپ، رايون بويىچە ئۆيىگە يېقىن مەكتەپتە ئوقۇش مېخانىزمى قەتئىي مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ، دەپ تەكىتلەندى. پىكىردە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپ تاللاشتىن قالايمىقان ھەق ئېلىش مەسىلىسىنى تۈزەش داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇلىدۇ، ھەر قايسى ناھىيە، شەھەر، رايونلاردىكى ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەر رايون بويىچە ئۆيىگە يېقىن مەكتەپتە ئوقۇش سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، ئۆيىگە يېقىن مەكتەپتە ئىمتىھانسىز ئوقۇش لايىھەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك، ھەر قانداق نام بىلەن مەكتەپكە ئېلىشقا بىرلەشتۈرۈپ ھەق ئېلىش قەتئىي چەكلىنىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر