باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى «جۇڭگو كومپارتىيەسى پارتگۇرۇپپىسى خىزمەت نىزامىنىڭ سىناق نۇسخىسى» نى ئېلان قىلدى

2015.06.18 16:28         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «جۇڭگو كومپارتىيەسى پارتگۇرۇپپىسى خىزمەت نىزامىنىڭ سىناق نۇسخىسى» جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن رەسمىي ئېلان قىلىندى، بۇ يىل 11-ئىيۇندىن باشلاپ يولغا قويۇلدى، نىزام سەككىز باب، 39 ماددا بولۇپ، پارتگۇرۇپپىنىڭ تەسىس قىلىنىشى، مەسئۇلىيىتى، تەشكىلىي پىرىنسىپى، كېڭىشىش قارارلىرى قاتارلىقلار ئومۇميۈزلۈك قېلىپلاشتۇرۇلغان، نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش، مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈشكە ئېنىق تەلەپ قويۇلغان، بۇ پارتگۇرۇپپىنىڭ خىزمىتى جەھەتتىكى پارتىيە ئىچىدىكى ئاساسلىق بەلگىلىمە، پارتگۇرۇپپىنى تەسىس قىلىش ۋە خىزمەت قىلدۇرۇشتا ئاساسلىق ئەمەل قىلىدىغان قائىدە. نىزامنىڭ تۈزۈلۈشى ۋە يولغا قويۇلۇشى پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، پارتىيەنىڭ ئومۇملۇقنى ئىگىلەش، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ رەھبەرلىك يادرولۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇش، پارتىيەنىڭ باشتىن-ئاخىر سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ رەھبەرلىك يادروسى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  مەركىزىي كومىتېت مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى تۈزۈم ئارقىلىق ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى قائىدە ئارقىلىق ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، پارتگۇرۇپپىنىڭ خىزمەتلىرىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقى ۋە جىددىيلىكىنى تولۇق تونۇپ، «نىزام» نىڭ يولغا قويۇلۇشىغا بولغان تەشكىلي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىشى؛ نىزامنى تەشۋىق قىلىش، ئىزاھلاش، ئۆگىنىشنى چىڭ تۇتۇپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيەلىك كادىرلار بولۇپمۇ رەھبىرىي كادىرلارنىڭ نىزامنىڭ روھىنى چوڭقۇر چۈشىنىشى، نىزامنىڭ مەزمۇنىنى توغرا ئىگىلىشى، نىزامدىن پايدىلىنىپ پارتگۇرۇپپىنىڭ خىزمەتلىرىنى ياخشى قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشىگە شارائىت يارىتىپ بېرىشى؛ ھەيدەكچىلىك، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، نىزامنىڭ تۈرلۈك بەلگىلىمىلىرى ۋە تەلەپلىرىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر