باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

كەسپلەرنىڭ ھالەت ئەندىزىسى كونىلىرىنى چىقىرىپ تاشلاش يېڭىلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش ئەنئەنىۋى كەسپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش

2015.06.11 16:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇلازىمەت كەسپىنى ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. يېڭى نورمال ھالەتتە جۇڭگو ئىقتىسادى يۇقىرى ئېشىش رايونىغا كىردى، مۇلازىمەت كەسپى يەنىلا يارقىن نۇقتا بولۇپ قالدى. بۇ يىل 1- پەسىلدە مۇلازىمەت كەسپى قۇشۇلما قىممىتى %7.9 ئېشىپ، مەملىكەت ئىقتىسادى ئېشىش سۈرئىتىدىن تېز بولدى؛ قۇشۇلما قىممەت ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى %51.6 كە يىتىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى رېكورت يارىتىلدى.

  دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىدىن كەلگەن سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئىشلەپچىقىرىش خاراكتېرىدىكى مۇلازىمەت كەسىپلىرى كۆلەملەشكەن مۇلازىمەت كەسپىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولىدىغان ئاساسلىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بولۇپ قالغان. تېز يەتكۈزۈش كەسپىنى مىسالغا ئالساق، 1-ئايدىن 4- ئايغىچە تېز يەتكۈزۈش كەسپ مىقدارىنىڭ ئېشىشى %42.3 كە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكى كەسپ كىرىمىدىن %32.7 ئاشقان. بۇنىڭدىن سىرت، يۇقىرى تېخنىكىلىق مۇلازىمەت كەسپىدە بىر قەدەر يوقىرى كىرىم ئېشىش سۈرئىتى ساقلاپ قىلىنغان. ئالاقە تورى ۋە ئالاقىدار مۇلازىمەت كەسپىدىكى كارخانىلارنى مىسالغا ئالساق، بۇ يىل 1- پەسىلدە كۆلەملەشكەن كارخانىلار تىجارەت كىرىمىنى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %24 ئاشۇرۇپ، پايدىنى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %18.3 ئاشۇرغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، پەن- تېخنىكا مۇلازىمەت كەسپنىڭ تەرەققىيات تېزلىتىلدى، 1- پەسىلدە، تەتقىقات ۋە تەجرىبە تەرەققىيات كەسپلىرىنىڭ كىرىمى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %15.7 ، پەن- تېخنىكىنىڭ ئومۇملاشتۇرۇلۇشى ۋە مۇلازىمەت كەسپلىرىدە ئىشلىتىلىشىدىن قىلىنغان كىرىم بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10 ئاشقان.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر