باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى ئەزالىرى بېيجىڭنىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلىش تەييارلىق ئەھۋالىغا يۈكسەك باھا بەردى

2015.06.11 16:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سۈرەت سۆزى:

  بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلىش ھەيئىتى ئاخبارات- تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ۋاڭ خۇي(ئالدى تەرەپ سولدا)10-ئىيۇن ئېكىسكۇرسىيەچىلەرگە مەيدان- سارايلارنىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇرماقتا. خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى 9- ئىيۇن ئولىمپىك موزېيدا 2022- يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزىدىغان نامزات شەھەرلەر بىلەن خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى ئەزالىرىنىڭ ئۇچرىشىش يىغىنى ئۆتكۈزدى، شۇنداقلا نامزات شەھەرلەرنىڭ ئەھۋال ئىگىلەش ئورنى تەسىس قىلىپ، 10- ئىيۇن خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى ئەزالىرى ۋە مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى تورى، شىۋىتسارىيە لائوساڭ، 10- ئىيۇن تېلېگراممىسى. بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلىش ھەيئىتى 9- ئىيۇندىن 10- ئىيۇنغىچە شىۋىتسارىيەنىڭ لائوساڭدا 2022- يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلغان نامزات شەھەرلەر ئۇچرىشىش يىغىنى ۋە مۇسابىقە ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلىش ئەھۋالىنى كۆزگەزمە قىلىش پائالىيىتىگە قاتناشتى، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى بېيجىڭنىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلىش جەريانىدا تىرىشقانلىقى ۋە ياخشى تەييارلىق قىلغانلىقىغا يۈكسەك باھا بەردى.

  بېيجىڭ 2022- يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلىش ۋەكىللەر ئۆمىكى شۇ جاي ۋاقتى 9- ئىيۇن شىۋىتسارىيەنىڭ لائۇساڭدا خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى ئەزالىرى بىلەن ئۇچرىشىش يىغىنىغا قاتنىشىپ، بېيجىڭنىڭ 2022- يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى پىلانى ۋە ئۇنى يۈرۈشتۈرۈش، تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش جەھەتلەردىكى ئىدىيەسى ۋە ۋەدىسىنى تەپسىلىي بايان قىلدى ھەم خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى ئەزالىرىنىڭ سۇئاللىرىغا جاۋاب بەردى. خەلقئارا قار تېيىلىش بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى كاسپېر مۇخبىرلارغا مۇنداق دېدى:«بېيجىڭنىڭ شۇنچىلىك ياخشى تەييارلىق قىلغانلىقىدىن ھەيران قالدىم»،دېدى.

  «ئولىمپىك 2020 قارالمىسى» ماقۇللانغاندىن كېيىنكى تۇنجى قېتىملىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلىش مۇساپىسىدە، بېيجىڭ خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى ئىسلاھاتىدا تەكىتلىگەن ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مىراسلىرى پىلانى ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىللىق قاتارلىق روھلارنى تولۇق نامايەن قىلدى. بۇ ھەقتە خەلقئارا مىيىپلەر ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى كرىۋېن مۇنداق دېدى:20008- يىللىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بيېجىڭنىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشنى يەنە بىر قېتىم ئىلتىماس قىلىشىغا ياخشى تەجرىبە بولدى، بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مىراسلىرى ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇش پىلانىغا بەك ئەھمىيەت بەردى،«بېيجىڭنىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق جەمئىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.»

  كرىۋېن:«ئۈچ مۇسابىقە رايونىنىڭ مەسئۇليىتى چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە بولدۇم، يۇقىرى سۈرئەتلىك تۈمۈر يول ئۈچ مۇسابىقە رايونىنى تۇتاشتۇرۇشتا رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرىدىكەن، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ يۈكسەك مەدەت بېرىشى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلىشقا پايدىلىق.»

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر