باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«شەرق يۇلتۇزى» ناملىق ساياھەت پاراخوتىنىڭ چۆكۈپ كېتىش ۋەقەسىنى تەكشۈرۈش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلدى

2015.06.11 16:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى تورى، بېيجىڭ، 10- ئىيۇن تېلېگراممىسى. چۇڭچىڭ شەرق پاراخوت شىركىتىنىڭ «شەق يۇلتۇزى» ناملىق ساياھەت پاراخوتى چۆكۈپ كەتكەندىن كېيىن، پارتىيە مەركىزى كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ۋەقەنى تەكشۈرۈش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، باش شۇجى شى جىنپىڭ پاكىتنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەر قانداق گۇمانلىق نۇقتىنى نەزەردىن ساقىت قىلماي، ۋەقەنىڭ سەۋەبىنى تەل تۆكۈس ئېنىقلاش كېرەك، دەپ ئېنىق تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى. لى كېچياڭ زۇڭلى 2- ئىيۇن گوۋۇيۈەننىڭ ئىزدەش خىزمىتىگە قۇماندانلىق ئىشتابى يىغىنىدا گوۋۇيۈەننىڭ «شەرق يۇلتۇزى» ناملىق ساياھەت پاراخوتى چۆكۈپ كېتىش ۋەقەسىىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، تەكشۈرۈش خىزمىتىنى دەرھال قانات يايدۇرۇپ، ۋەقە سەۋەبىنى تەل تۆكۈس ئېنىقلاپ، قازا قىلغانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە جامائەتچىلىككە مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن جاۋاب بېرىشنى قارار قىلدى.

مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر